تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش

ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان دېموكراتىك سەھنە، شۇنداقلا دۇنيا جۇڭگونى كۆزىتىدىغان كۆزنەك. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، قانداق قىلىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشەنچ يەتكۈزۈش

يېقىندا، ئۇيغۇر ئارتىس دىلرابا شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئوينىغان سىن كۆرۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن تەرىپىدىن تارقىتىلىپ ۋە ئالقىشلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى قىسقىغىنا سەككىز مىنۇتلىق كۆرۈنۈشتە يارقىن نۇقتىلار كەينى ـ كەينىدىن نامايان بولۇپ، يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى!

بىر مەيدان ئۇسسۇل، بىر قېتىملىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى دۇنياغا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەككە، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلاندى.

ئوخشاشلا، بۇ يىلقى شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا يېڭى كەيپىيات تېخىمۇ نامايان قىلىندى − تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىندى، تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھ دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى.

«خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مىللەتلەر مەدەنىيەت توپلىمى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى ئاينۇر مەۋلۇت بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئۆزىگە ئىشىنىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، مەدەنىيەت گۈللەپ ياشنىغان، گۈللەپ روناق تاپقان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىياتتىن كەلگەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭشېن جۇڭخۇەن بوغالتىرلىق ئورنى شىنجاڭ شۆبە ئورنىنىڭ باشلىقى جۈرئەت قۇربان مۇنداق قارىدى: ئۆزىگە ئىشىنىش پۇختا تەرەققىيات ئاساسىدىن كەلگەن، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچتىن كەلگەن.

شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى؛ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 22 مىليون 610 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۇچا يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى... تۈرلۈك خىزمەتلەر، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار پۇختا تەرەققىيات ئاساسىنى نامايان قىلدى.

«بۇ يىللىق تاشقى سودىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ئىشەنچىڭلار بارمۇ ـ يوق؟» چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەندىن شۇنداق سورىغاندا، ئۇ كەسكىن ھەم جاراڭلىق ھالدا «ئىشەنچىمىز بار!» دەپ جاۋاب بەردى.

ئاشكارا بولۇش، ئوچۇق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش تاشقى دۇنيانى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگو شىنجاڭنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل خان مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ئۈمىد زور؛ يەنە مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ئىنتېرناتسىيونالىنىڭ شۇجىسى مارك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور، پۇرسەت چەكسىز.

ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ دۇنياغا يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش، كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلىش

سىرتقا ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ھەرىكەت.

ئۆتكەن بىر يىلدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، ياپونىيە، مىسىر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېيتسارىيە، كانادا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 400گە يېقىن ئۆمەك، گۇرۇپپىدىكى 4300دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى بار، ھەم دىن ساھەسىدىكى زاتلار، مۇتەخەسسىس ـ ئالىملار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ئادەتتىكى ئامما بار بولۇپ، كۆلىمى يىللاردىكىدىن زور بولدى.

جۇڭگو شىنجاڭ زادى قانداق؟ شىنجاڭ خەلقى زادى قانداق؟... زىيارەتتە بولغۇچىلار تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىغا قەدەم قويغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى تەدرىجىي نامايان بولدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتىدۇ. ياپونىيەلىك ئامما چۇەنچى يۈجى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال تۇرمۇشىغا ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. يەمەن تاراتقۇ خادىمى ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتابلار مول بولۇپ، ئۈسكۈنىلەر تولۇق ئىكەن، كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىم ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەردىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.

بۇلتۇر 3 ـ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان فىرانسىيەلىك يازغۇچى ماكسىم ۋىۋاس مۇنداق بىلدۈردى: «ھازىرقى شىنجاڭدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بولدى. دىن، تىل، مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى نەدىمۇ مەۋجۇت بولسۇن؟»

«شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى دائىم ئوچۇق، ھەممىدە ئوچۇق ـ ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، ئېچىۋېتىش كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى». مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يەنە دۇنياغا شىنجاڭنىڭ جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلىقى، پۈتۈن دۇنيانىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر سادانى يەتكۈزدى.

بۇ خىل كەڭ قورساقلىق دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

«بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىغا بىر قىسىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ۋە ئىناۋىتى ئۆستۈرۈلدى، بۇ، ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.» چۆچەك شەھىرى باقتۇ پورتى مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تالقار ئادىل مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرىدە شىنجاڭغا قارىتا بەزى خاتا چۈشەنچە ۋە قارا چاپلاش مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن تاراتقۇلىرىنى ئىككى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، ھەقىقىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش خاتا چۈشەنچە ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

ۋاقىت خۇددى ئەينەككە ئوخشاش، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، بارلىق شەيئىلەر يېڭى باشلىنىشنى كۈتۈۋېلىش

بۇلتۇر ئەتىياز، دەل ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

«مېنىڭچە، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى» دېدى ئۆمەك بىلەن بىللە زىيارەتكە چىققان شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ خۇشال ھالدا. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، سەنباۋ گۇرۇھى قازاقىستاندا 43 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان ئالكىللاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىدى، «بۇ، شىركىتىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ ھەمكارلىقى».

شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى كۈنسېرى كۆپەيدى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۈچەيدى، دائىملاشقان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئىككى تەرەپ قويۇق ئالاقىنى ساقلىدى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت ھەل قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش قىياپىتى يېڭىلاندى.

دەرۋازىنى ئېچىپ «تەكلىپ قىلىش»تىن دۆلەت دەرۋازىسىدىن «سىرتقا چىقىش»قىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدىكى «ئۈچ تۇنجى قېتىم»دىن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەنگەن «شىنجاڭ پەيتى»گىچە، شىنجاڭ بىلەن دۇنيا بىر ـ بىرىگە بارغانسېرى كەڭ قۇچاق ئاچتى، شىنجاڭنىڭ ياخشى ھېكايىسى بارغانسېرى يىراققا تارقالدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى... شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «ھەر قېتىملىق ئېچىۋېتىش سەپىرىدە، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى قايتا ـ قايتا بىلدۈردى».

«بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى ساقلاپ كەلگەن شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئەڭ زور جەلپ قىلىش كۈچى» دېدى رىمدىن قورغاسقىچە سودا قىلىپ كەلگەن خۇ چۇنمېي. شىنجاڭ ئوۋخۇاشىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ياۋروپا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر ئۇ مەملىكەت سىرتى ئەمەلىي گەۋدە ئامبىرىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ـ ھېس قىلىش مەركىزى قۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. خۇ چۇنمېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشقا بولغان ئىشەنچىم ۋە غەيرىتىم تولۇپ تاشتى.

ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى كەيپىياتتا نامايان بولغىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، غەيرەت ـ شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرۇشتەك روھىي قىياپەت بولدى. خۇددى 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۈمىدكە تولغان باش باھار مەزگىلىدە، شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنياغا قۇچاق ئېچىشتەك ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتىنى ھەمدە دۇنيا بىلەن ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، گۈزەل يېڭى مۇساپىنى باشلىدى.

كەلگۈسى يېتىپ كەلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ گۇۋاھ بولۇشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.