يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى بىلەن، جېجياڭدىكى نۇرغۇن كارخانا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى. سۈرەتتە: 2- ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ «جېكەي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاپچاسلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 2011-يىلى شىنجاڭ «جېكەي» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى كۇچا شەھىرىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ماشىنا-ئېلېكتىر كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا، ئاساسلىقى يۇقىرى-تۆۋەن بېسىملىق توك تەقسىملەش ئىشكاپى، توك تەقسىملەش ساندۇقى، ساندۇقسىمان تىرانسفورماتور پونكىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.
(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ لې)
ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
تېخنىك خادىملار (ئوتتۇرىدا) شاگىرتلارغا ئەسلىھە مەشغۇلات تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى