مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى
خەلق تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى چياۋچۇ، ۋېي چىڭچېڭ) 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ھەر يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ دېموكراتىك سىياسىيسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۆزىتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك. ئىككى يىغىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇچۇر مىقدارى كۆپ، تېما مەركەزلەشكەن، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ جيېيى پۇقراۋى ئىگىلىك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ غەيرەت - شىجائىتى ۋە جۇڭگو ئىشەنچىنى يەتكۈزدى.
تاراتقۇ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندا قول كۆتۈرۈپ سوئال سورىماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى
خەلق گېزىتى مۇخبىرى نەق مەيداندا سوئال سورىماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ بو فوتوسى
خەلق سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى نەق مەيدانى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى
مۇخبىرلار نەق مەيداندا ئېكرانغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى
مۇخبىرلار نەق مەيداندا يارقىن پەيتلەرنى سۈرەتكە ئالماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ بو فوتوسى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلار نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېي چىڭچېڭ فوتوسى