تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

[ئىستون سۆزى]

باھار شامىلىغا جور بولۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ۋەزىپىسى مۈشكۈل.

2022 - يىلى 7 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2023 - يىلى 8 - ئايدا باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «باش شۇجىغا دوكلات . جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىمىز» سەھىپىسى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش جانلىق ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ھەيۋەتلىك باھار شامىلى چىقتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى تېزلەشتى.

3 - ئاي كىردى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ھازىر شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممە يېرىدە يېڭىلىق نامايان بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇماقتا − تۈر قۇرۇلۇشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غەيرەتكە كېلىپ، ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى؛ يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، سانائەت ئىقتىسادىدا كۈچەپ سۈرئەت تېزلىتىلدى، غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمى تېز ئىلگىرىلىدى...

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەش» توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يېتىلدۈردى.

كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەش

«ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدۇ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنمىسى، ئىستېمالى، ئىمپورت - ئېكسپورت، مالىيە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردى.» 2023 - يىلىغا نەزەر سالغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۈيرەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چۆرىدەپ خۇلاسە قىلدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى «تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، بەكمۇ تەستە قولغا كەلگەن» دېدى.

− سەككىز چوڭ كەسىپ، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىش. نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بويىچە «ئۈچ بازا، ئۈچ ئويمانلىق، تۆت رايون»، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بويىچە «ئىككى ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات، بىر ھالقا»، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - تەكشۈرۈش - ئېچىش بويىچە «ئىككى ھالقا، سەككىز بەلباغ»، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات بويىچە «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ، سەككىز بازا» قاتارلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىدارنى ماسلاشتۇرۇش، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى «1 + 36 + 8 + 1» سىياسەت سىستېمىسى رەسمىي بەرپا قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەيتىلدى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش كۈچەيتىلدى.

«سىياسەت سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى تۇتۇش، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تۇتۇش، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قومۇلچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز» دېدى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ.

− گۈزەل شىنجاڭ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇرۇش. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىدا يېڭى ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى؛ شەرقىي جۇڭغار، قومۇلدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ئىككىسى شەكىللەندى؛ خوشاۋيۈندە 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنى قاتارلىق دۇنيا دەرىجىلىك كان ياتمىسى يېڭىدىن بايقالدى...

«بۇ يىل، قومۇل، شەرقىي جۇڭغاردا كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن گاز ئېلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرلىرى بىلەن خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي كېنىنى قېزىش - تاللاش - تاۋلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم يېشىل كانچىلىق تۈرلىرىنى تېز قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئابلىكىم ئەزىز.

− يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىقى جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى جاھاننىڭ تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇلتۇر، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنە تۆھپە قوشۇشنى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى يەنە 1 مىليون توننا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 22 مىليون توننىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، <جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى>غا تېخىمۇ كۆپ <شىنجاڭ ئاشلىقى> قاچىلايمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ئەخمەت مەمەت.

...

پائال تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشى ئۈچۈن «مۇقىملىق» ئاساسىنى پۇختىلىدى، «ئىلگىرىلەش» ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوشتى.

ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش

تاشقى سودا بىر رايون، ھەتتا بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆزىتىدىغان «بارومېتىر». 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 2007 - يىلى ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقاندىن تارتىپ 2022 - يىلى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشقانغا قەدەر، شىنجاڭ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى؛ لېكىن 200 مىليارد يۈەندىن 300 مىليارد يۈەنلىك يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشقا پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى.

2023 - يىلىنى ئەسلىسەك، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى؛ پۈتۈن بىر يىلدا چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى 14 مىڭ 400 دىن ئېشىپ، چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن مەملىكەت نىسبىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ بىر قاتار خەلقئارالىق پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى... شىنجاڭنىڭ «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» سالمىقى مىسلىسىز بولدى، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش قەدىمى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئارزۇسى مىسلىسىز بولدى.

سىرتقا قارىتا، ئاپتونوم رايون ئۆمەك تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە رايونغا زىيارەتكە باردى، پۈتۈن بىر يىلدا چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىدىن 390دىن ئارتۇقنى كۈتۈۋېلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچتى؛

ئىچكى جەھەتتە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئورتاق ئالغا سىلجىتىلدى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

«دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت <ئىككى بازار>نىڭ بىرىكىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى قۇرۇلدى، بۇ جاي شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ كاتتا سۇپا.» قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە رۇسىيە بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، قازاقىستاندا كۆلىمى 2000 مو كېلىدىغان مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرىمىز.

يوپۇق ئېچىلغان ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار مەۋقەنى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ دۇنياغا قۇچاق ئاچتى.

ئېچىۋېتىلسە گۈللىنىدۇ، بېكىنىۋالسا خارابلىشىدۇ. تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تىرىكىنى مۇستەھكەملەش

دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»نى داۋاملىق قوزغىتىپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «بىرىنچى بايلىق»نى توپلاش كېرەك.

بۇ يىل، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چوڭ يۇلغۇنسايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى سىجىل تېزلىتىلدى. ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى 1900دىن ئاشتى. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سالغان سېلىنمىسى %16.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 6.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. نۇرغۇنلىغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسىپلەردە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردى ۋە بارلىققا كەلتۈردى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا جاھاندىكى ئىختىساسلىقلار توپلاپ ئىشلىتىلدى. ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زور تەدبىرلەر ئارقىلىق 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ھەرقايسى كەسىپلەر، ساھەلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس قاتارلىق تۈرلۈك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا جانلىق جەلپ قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى قوزغىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئىختىساسلىقلار پىلانى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ياخشى بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتى مۇھىتى يارىتىلدى.

پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»نى توپلاش بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «قاتتىق تىرەك»ى مۇستەھكەملەندى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپ بويىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى تۆمۈريول تورى، قاتناش قولايلىق بولغان يول تورى، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇچىلىق تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر بويىچە «ئون تور»نى پائال بەرپا قىلىدۇ.

«سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يەنە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭ - چوڭ سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى مېي يۈ.

يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى تۆۋەن چەك كاپالىتى. «دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىدى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى سىجىل مۇستەھكەملەندى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى ۋە تۈگىتىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى تېز شەكىللەندى.

جەڭ دۇمبىقىنى ياڭرىتىپ سەپەرگە ئاتلاندۇق، سىياسەتنىڭ قىممىتى ئىزچىللىقىنى ساقلاشتا. شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۈچ توپلاپ يەلكەن چىقىرىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.