تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنى ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى

​− مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى، ئەزالىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كۈرەش ئىزلىرىنى ئەسلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەتكۈزۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش... 3 - ئايدىكى پايتەخت بېيجىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى، ئەزالىرى باھاردىكى كاتتا يىغىنغا قاتنىشىشقا ئورتاق ئاتلاندى.

دەھشەتلىك دولقۇندا خىسلەت نامايان بولىدۇ، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە، كۆپلىگەن ۋەكىللەر، ئەزالار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئورتاق يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى − باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنى ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى!

(1) بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مول مېۋە بەردى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى باھار بايرىمى ھارپا كېچىسى، «جۇڭگو تيەنيەن» سۇپىسى باش تىزگىنلەش ئۆيى ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى. ئالەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كەلگەن رادىيو سىگنالى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ شىفىرنى يېشىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

«باش شۇجى <ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈشكە ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، بەزى ساھەلەردە يېتەكلەپ يۈگۈرۈش ئەۋزەللىكىنى ساقلاش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، بىز قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلساق بولمايدۇ.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ باش ئىنژېنېرى جياڭ پېڭ مۇنداق دېدى: دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سىزىمچانلىق دەرىجىسىگە تايىنىپ، «جۇڭگو تيەنيەن» ئىمپۇلس يۇلتۇزى، تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى ھەم تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا دەرىجىلىك بىر قاتار نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلدى.

2021 - يىلى 2 - ئايدا، گۇيجوۋدا تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگو تيەنيەن» تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم «جۇڭگو تيەنيەن» باش تىزگىنلەش ئۆيىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلدى.

ئۈچ يىل ئىچىدە، «جۇڭگو تيەنيەن» ئالەم بوشلۇقىغا نەزەر سېلىپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنى ئىنسانلارنىڭ «كۆرۈش دائىرىسى»نىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئېلىپ باردى.

يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىپ، پۇختا قەدەم تاشلاندى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرى ياۋچياۋ بازىرىدا، باش باھاردىكى بۇغدايلىقلار يېشىللىققا پۈركەندى. شوپۇرسىز ئۆزى ماڭىدىغان پۈركۈش تۇرۇبىسىدا تۇمانلىتىپ پۈركۈيدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى «ئىككى بىلىكى»نى ئېچىپ دورا چېچىۋاتقان بولۇپ، دېھقانلار كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق يىراقتىن ئېتىزنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى.

20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىلغار پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرى جېنجياڭ يېڭى رايونى يۇڭشىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋېي چياۋنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

«ۋېي چياۋغا ئوخشاش مۇشۇنداق يولداشلارنىڭ يېزىغا بارغانلىقى ناھايىتى ياخشى ئىش!» 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يېڭى دېھقانغا مۇشۇنداق ئىلھام بەردى.

2023 - يىلى، ۋېي چياۋ تۇرۇشلۇق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 10 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، «يەنە يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسىنى كەسىپلەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ <90 - يىللاردا تۇغۇلغان> <2000 - يىللاردا تۇغۇلغان>لارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن».

ھەربىر تۈرلۈك چوڭقۇر پىلانلاش ھەيۋەتلىك، گۈزەل كۈرەش مەنزىرىسىگە ئايلاندى.

2024 - يىلى 1 - ئايدا، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش داۋاملاشما قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى چوڭ تۈر بولغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن خەنجياڭ دەرياسىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق سۇ يۆتكەش مىقدارى ئەسلىدىكى 9 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن 11 مىليارد 510 مىليون كۇب مېتىرغا كۆپىيىدۇ.

«باش شۇجى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ھازىر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرگە بەخت يارىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلققە نەپ يەتكۈزمەكتە.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى خۇاڭ يەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «رەقەملىك قوشكېزەك خەنجياڭ دەرياسى»نىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى نامايان قىلىشنى پىلانلىدى.

«كوللېكتىپىمىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان رەقەملىك قوشكېزەك سىستېما فىزىكىلىق ۋادىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئالدىن مۆلچەرلەپ تەقلىد قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ۋاقتىدا، دەل جايىدا بولغان سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى خۇاڭ يەن.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋاقتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شۈگۇڭ گۇرۇھىدىن كەلگەن ۋەكىل شەن زېڭخەي ئىختىيارسىز ھالدا يەنە 2017 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۈگۇڭ گۇرۇھىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مەنبەسى، نۇرغۇن يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ» دەپ تاپىلىغان چاغدىكى چوڭقۇر مەنىلىك سۆزىنى ئەسلىدى.

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى باش شۇجى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

2023 - يىلى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى»دا، شەن زېڭخەي پەخىرلەنگەن ھالدا «دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى»نىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى بايان قىلدى −

قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان - سارايلىرىدا، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ؛ «سەرگەردان يەرشارى 2» فىلىمىدىكى «ئالەم دەرىجىلىك» قۇرۇلۇش كۆرۈنۈشىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى «ئالاھىدە ئارتىس» بولدى...

تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەن زېڭخەينىڭ بايانىغا دىققەت قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. باش شۇجىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان شەن زېڭخەي سۆز قىلىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى تونۇۋالدى.

شەن زېڭخەينىڭ دوكلاتى ئىنتايىن جاراڭلىق ئىدى: «سىز ئەينى چاغدا ئولتۇرغان پۈتۈن يەر يۈزىلىك چاقلىق كىراننىڭ ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچى يەرشارى بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى».

بۇ يىل، شەن زېڭخەي يەنە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى: يېڭى بىر ئەۋلاد يەرشارىۋى ئەڭ چوڭ تونناژلىق چاقلىق كىراندا ئۈزلۈكسىز رېكورت يېڭىلاندى. يادرولۇق تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق زاپچاس قاتارلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

(2) غەيرەت - شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى

جېجياڭ تيەنمۇشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، بىر مەيدان دۆلىتىمىزدە مودا ئېقىمغا ئايلانغان يېزا - كەنت پانۇس سەيلىسى ئادەملەر دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان يۈسۈن يولىنى يورۇتتى.

«بىز <ئارزۇ زاۋۇتى> بەرپا قىلدۇق، يەنە بۇنى <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ>كە ئايلاندۇرىمىز!» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈچېڭ «يېشىل تاغ كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى» دېگەن ھېكايىنى سۆزلىدى −

20 نەچچە يىل ئىلگىرى، يۈسۈن كەنتىدە «تاش ئىقتىسادى» تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقتىن، تاغلار «تاقىرباش»، سۇلار «جياڭيوۋ شورپىسى»غا ئوخشاپ قالغانىدى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى»نى ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، قاتتىق ئازابلانغان يۈسۈن كەنتىدىكىلەر قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، كان ۋە سېمونت زاۋۇتلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تاقىدى.

2005 - يىلى 8 - ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يۈسۈن كەنتىنىڭ ئۇسۇلىنى «دانا تەدبىر بوپتۇ» دەپ باھا بېرىپ، تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

2020 - يىلى 3 - ئايدا، يۈسۈن كەنتىدە قايتا زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۈسۈن كەنتىنىڭ ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يېشىل تەرەققىيات يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، يولنى توغرا تاللىغان ئىكەن، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك».

«يۈسۈن كەنتى يەرشارىۋى شېرىكلەر»نى تەشكىللەپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېڭى ئەۋلادلارنى قوبۇل قىلدى. 2023 - يىلى، يۈسۈن كەنتى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تەخمىنەن 1 مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى تەخمىنەن 22 مىليون 470 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىغا توغرىلىنىپ، تاغلىق كەنتلەر تىرىشىپ يېتىشىۋېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلاندى؛ يېڭى كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلىپ، كارخانىلار جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يەلكىنىنى چىقاردى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇاگۇڭ پەن - تېخنىكا كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما شىنچياڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈيدىغان خاتىرە دەپتەرنىڭ قىستۇرما بېتىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 - يىلى 6 - ئايدا ۋۇخەن خۇاگۇڭ لازېر نۇرى قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېيتقان پەن - تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەيلى، دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى كۆچۈرۈپ يېزىۋالغانىدى.

«دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئورنىغا دەسسىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا جان تومۇرىنى ئۆز قولىمىزدا ئىگىلىگەندىلا، دۆلىتىمىز ئاندىن ھەقىقىي قۇدرەت تاپىدۇ.» باش شۇجىنىڭ سۆزى ما شىنچياڭنىڭ كارخانا تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق «سۈرئەتنى تېزلىتىش»ىگە ئىلھام بەردى.

مۇشۇ يىللاردا، ما شىنچياڭ ياسىمىچىلىق تىپىدىكى 100گە يېقىن كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، قانداق قىلغاندا يېتەكلەش خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندى.

قۇرۇلۇش ماگىستىر - دوكتورلىرىنى يېتىشتۈرۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇش؛ دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش... بۇ يىل ئۇ «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا» دېگەن تەكلىپنى ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىدۇ.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى، يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلى جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىدى.

«باش شۇجىنى يەنە مېھمان بولۇپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغۇم بار!» 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئاشېڭچىڭ 2016 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يامغۇرغا قارىماي خۇجۇ ناھىيەسى بەنيەن كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايدۇ.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئاشېڭچىڭ باش شۇجىغا بەنيەن كەنتىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنىڭ بەش يىل ئىلگىرىكى 2600 يۈەندىن ئۆسۈپ 11 مىڭ 419 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي سورىدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توك بىلەن ئىسسىيدىغان كاڭلىرى قانداقراق» «كەشتىچىلىك كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا قانداق كۈچ قوشتى» «مىڭليۇ ھارىقى قانداق قىلىپ كەسىپلەشتى»...

سەمىمىي غەمخورلۇق كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بەنيەن كەنتىدە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، خاس باقمىچىلىق، مىڭليۇ ھارىقى ئېچىتىش، تۇزۇ مىللىتىنىڭ پەنشيۇ كەشتىچىلىكى قاتارلىق «سەككىز تۈرلۈك كەسىپ» دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، 2023 - يىلى كەنتنىڭ كىشى بېشى كىرىمى ئىككى يىل ئىلگىرىكىدىن 2711 يۈەن ئاشتى.

«بىز ئالىي مەكتەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخنىكىدىكى بوغما ھالەتنى ھەل قىلىپ، تاش ئۆڭكۈرلەرنىڭ يىمىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتۇق.» بۇ، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يۈنگاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خاڭ كەن باش شۇجىغا دوكلات قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئىدى.

«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، قوغداشنى باشتىن - ئاخىر 1 - ئورۇنغا قويۇش كېرەك.» «ساياھەتنى كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.» 2020 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈنگاڭ تاش غارىغا كېلىپ قىلغان سەمىمىي تەلىمى خاڭ كەننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

3Dلىق بېسىپ چىقىرىش، VR تېخنىكىسى ئارقىلىق نەپىس ئويمىلارنى نامايان قىلىش، ئىجادىي ئۇسسۇل ئارقىلىق تاش تاملار ئارىسىدىكى پەرىزات قىياپىتىنى نامايان قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى ئارقىلىق يۈنگاڭ تاش غارىنىڭ «مەستانىلىرى» «ئېقىم مىقدارى»نى ئاشۇرۇش... زامانىمىزدىكى جۇڭگولۇقلار «جانلانغان» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

«باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى بىز چوقۇم ياخشى ئورۇندىيالايمىز!» دېدى خاڭ كەن.

(3) خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ كەلدى

«ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر كۈندە تاراڭ - تۇرۇڭ قىلىدۇ، سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار!»

«جىددىيلەشمەڭ، ئاۋۋال ئولتۇرۇڭ، ماڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭ...»

چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ جياڭبېي رايونى گۇەنيىنچياۋ كوچا باشقارمىسى، «لاۋما خىزمەت ئىشخانىسى»دىكى كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. ئامما زىددىيەتكە يولۇقسا، ھەممەيلەن ما شەنشياڭنى ئىزدەپ كېلىپ ھال ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى.

ما شەنشياڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى. ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مەزگىلىدە، ئاممىنى 2000 قېتىمدىن ئارتۇق كۈتۈۋېلىپ، 50 پارچىدىن ئارتۇق خىزمەت خاتىرىسى يازدى.

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ما شەنشياڭ خىزمەت كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامدا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۇسۇلى ۋە تەسىراتىنى بايان قىلدى.

«ئاساسىي قاتلامدا پارتىيە ياچېيكىسى بار، يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار، جەزمەن ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.» ما شەنشياڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز يولداش لاۋماغا ئوخشاش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق».

«باش شۇجى ئوبرازلىق قىلىپ <ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر تەۋرەپ تاغلار سىلكىنىدۇ> دېدى، بۇ دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆز ئىدى» دېدى ما شەنشياڭ.

2023 - يىلى «لاۋما خىزمەت ئىشخانىسى» يېڭى جايغا كۆچتى، كۆلىمى كېڭەيدى، ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ۋە ئۆگىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى، تەجرىبە تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. پۈتكۈل چۇڭچىڭدا «لاۋما» يېتىشتۈرۈپ چىققان «شياۋما»لار ھەممىلا جايدا رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى سەمىمىي كۆزلەپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن سىرداش بولدى.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى. ۋۇ خاۋ تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي قاتلام ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئويلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

«ھۆكۈمەت داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك» «ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» «تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» ...

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم نۇقتىلار ۋۇ خاۋدا چوڭقۇر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: «باش شۇجى مەسىلىلەرنى پۇقرالارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلايدۇ».

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ فېڭتەي رايونى فاڭجۇاڭ مەھەللىسى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن تارتىپ، پايتەخت تېببىي داشۆسى ئۇنىۋېرسال تېبابەت ۋە داۋاملىق تەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغۇچە، ۋۇ خاۋ باشتىن - ئاخىر ئاھالىلەر ساغلاملىقىنىڭ «مۇھاپىزەتچىسى» بولۇشتەك ئاشۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلدى.

«گەرچە مېنىڭ ئىش ئورنۇم ۋە سالاھىيىتىمدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن باش شۇجىنىڭ تەلىپى، پۇقرالارنىڭ ئۈمىدى ئۆزگەرگىنى يوق، يەنە ئۇنىۋېرسال تېببىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇپ، <داۋالاشتا كۈچلۈك بولۇش، ئالدىنى ئېلىشتا ئاجىز بولۇش>تەك ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك».

خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجىنىڭ قەلبىدىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».

سىچۇەندە، چىۋىق شوتا بىلەن خوشلاشقان «تىك يار كەنتى»دىكى كەنت ئاھالىلىرى ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى؛ نىڭشيادا، مەملىكەت بويىچە «ئالاقە تورى + مائارىپ» ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تاغلىق رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ باشلانغۇچ مەكتەپنى يىراق مۇساپىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەمىنلىدى؛ شەندۇڭدا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشقا پايدىلىق سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلدى...

ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىلىرى دېموكراتىيە بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئەكس ساداسىغا گۇۋاھ بولدى.

بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېزې شەھىرى ساۋشيەن ناھىيەسى پەنشى كوچا باشقارمىسى ۋۇلىدۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يىنشياڭ يۇرتىغا قايتقان كەنت ئاھالىلىرىنى يىغىپ، 2018 - يىلى 3 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى سۆزلەپ بەردى −

«كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ياخشى قۇرۇلسا، كەنت كادىرلىرى ياخشى يېتەكلىسە، كۆپچىلىك ئاندىن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ.» ۋاڭ يىنشياڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئۆمرىدە «يول باشلىغۇچى» بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا سۆزلەپ بەردى.

باش شۇجى ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %70كە يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەملىكەت بويىچە يەنىلا 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېزىلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ... تىياتىرنىڭ ياخشى ئوينىلىشى ئارتىسقا باغلىق، ئادەم كەتسە، كەنت بوش قالسا، يەر بىكار قالسا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ».

«باش شۇجىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى دەل يېزىلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە. ئۇ ھەقىقىي تۈردە يۇرتداشلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋاتىدۇ!» دېدى ۋاڭ يىنشياڭ.

شۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، باش شۇجى ئېنىق سىزىپ بەرگەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يول خەرىتىسى بويىچە، ۋاڭ يىنشياڭ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ كەنتتە ناھايىتى تېزلا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

2023 - يىلى، كەنتتە قوتاندىكى ئىنەك 30 مىڭ تۇياققا، تېرىقچىلىق بازىسى 50 مىڭ موغا يەتتى، يىللىق سېتىش سوممىسى 600 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.

«يەنە <ئادەم>گە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.» ئۇدا تۆت نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان ۋاڭ يىنشياڭ مۇنداق دېدى: «تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردا قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، تالانتىنى نامايان قىلىش، كارامىتىنى كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

(4) بوران - چاپقۇننىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى

مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، باھاردا غەلىبە خەۋىرىنى كۈتۈۋالدۇق!

جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسى شاڭخەي تەتقىقات يۇرتى سترونتسىي ئاتومى ئوپتىكىلىق كىرىستاللىق سائەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، نەچچە مىليارد يىللىق خاتالىق پەرقى بىر سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

بۇ، «يېڭى بىر ئەۋلاد ۋاقىت ئاساسىي ئۆلچىمى»نى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالدى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان كېيىنكى ئەۋلاد كىۋانت سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەن - تېخنىكا يۈكلىمىسى بولۇپ قالدى.

«بۇلتۇر تۈر رەسمىي تۇرغۇزۇلدى، بۇ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ تۈرىدە بۇ يىل ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاش ۋە قۇرۇلۇش ئەۋرىشكە ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئۈمىد بار.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسى خېفېي مىكرو ئۆلچەملىك ماددا ئىلمى دۆلەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى يىن جۈەن كوللېكتىپىنى باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان كىۋانت چىرماش مەنبەسى قۇرۇلۇشى ئەۋرىشكە ماشىنىسى سىناق باسقۇچىغا كىردى.

«يەنە ئۈچ يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق.» ئۇ مۇنداق دېدى: بىز دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت ئۇچۇر ساھەسىدىكى باشلامچىلىق ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ساقلاپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانىغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى قوشىمىز.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

«چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە نىشان ئۇچقۇلىرىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى تاماملىدى، ئىشەنچلىك دەرىجىسى 0.99 بولدى» − ئىلگىرى بۇ راكېتانىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى رۇڭ يى بۇ «خاسىيەتلىك راكېتا»نىڭ «نەتىجە قەغىزى»نى دەرھاللا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.

تەتقىق قىلىپ ياساش سۈرئىتى بىر ھەسسە تېزلەشتى، ئون نەچچە تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇڭ يى يېڭى تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتادىن يەنە بىرنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى زىممىگە ئېلىپ، داۋاملىق تۈردە «مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە، قىيىن ئىشنى ئاسان ئىشقا ئايلاندۇردى».

«باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە شېنجوۋ جەمەتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى، بىزنىڭ نىشانىمىز ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى بىخەتەرلىككە ئىنتىلىش، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ كۈچ ئۇلاپ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش».

قەيەردە كۈرەش بولسا، شۇ يەردە ئىجادىيەت بولىدۇ.

قارا تۇپراق يەنىلا قار - مۇز بىلەن قاپلانغان، تەجرىبە ئېتىزىدىكى «كىچىك بىر قەۋەتلىك ئۆي»لەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۈيخۇا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې شوۋجۈن خىزمەتداشلىرى بىلەن تەجرىبە ماتېرىياللىرىنى باھالاپ بېكىتىپ، بۆلۈپ قاچىلاپ، يېڭى بىر يىللىق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.

تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى ئۇرۇقلۇقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل ئەلا خۇسۇسىيەتنى ھازىرلاش ئېھتىماللىقى ئاران 14 مىڭدىن بىر بولىدۇ. بۇ «10 مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاش» خىزمىتىنى نيې شوۋجۈن 30 يىلغا يېقىن ئىشلەپ، چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدى، شۇ جايدىكى شال تېرىيدىغان دېھقانلار ئۇنى «نيې شالچى» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

«بوشاشماستىن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىدىغان يېڭى بىر يولنى تېپىپ چىقىپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.» 2023 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى نيې شوۋجۈن ۋە شال تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى يالقۇنجاتتى.

«شورلۇق يەردىن ئىبارەت بۇ زاپاس تېرىلغۇ يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى شال ئۇرۇقلۇقىنى تېرىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتىمىز!» دېدى نيې شوۋجۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

بۇ يىل باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەندۇڭ چۈفۇدىكى سەنكۇڭ مەنزىرە رايونى 562 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مەنزىرە رايونى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. 2013 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ چۈفۇدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ 2023 - يىلى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شەندۇڭ داشۆ كۇڭزى تەلىماتى ئالىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى ياڭ چاۋمىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچىنى بارغانسېرى ھېس قىلدى.

پۈتۈن توردا قىزىپ كەتكەن خاربىن قار - مۇز دۇنياسىدىن ئەمدىلا ئېچىلغان يىنشۈ مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىغىچە، كىشىلەر مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدىكى «ئارزۇدىكىدەك جاي»نى ئىزدىدى...

«سىز قانداق مەھەللە مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە قاتنىشىشنى خالايسىز؟» زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ياڭ چاۋمىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈش» قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يەنىمۇ سىڭدۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.

«كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرى جياۋاڭ رايونى چىشەن كەنتىنىڭ كەنت زالى يەنە قىزىپ كەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەن «خوخۇلۇ» ئەدەبىيات سەنئەت ئەترىتى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ساۋگېنشيۇ» ئۈچۈن يېڭى نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى.

«يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى يېڭى يىلنى ياخشى باشلاشنى ئويلايدۇ.» 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىشەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ جياۋاڭ رايونىدىكى 130 نەچچە كەنتتە «مەدەنىيەت پۇرىقىنىڭ يىلدىن - يىلغا قويۇقلاشقانلىقى»نى ھېس قىلدى.

2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرىنىڭ جياۋاڭ رايونى ماجۇاڭ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تېخىمۇ تومپايتىمىز، روھىنى تېخىمۇ بېيىتىمىز» دېدى ياڭ يۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

كەنت قىياپىتىدە بەسلىشىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئەۋج ئالدۇرۇش.

بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىش ئالدىدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى شەھىرى موتو ناھىيەسىنىڭ موتو كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لوبۇ ياڭزۇڭ مېنبا مىللىتى كىيىم - كېچەكلىرىنى چامادانىنىڭ ئىچىگە قاتلاپ سالدى، يەنە ئازراق خام چارتال ۋە چاي قاتارلىق يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ئېلىۋالدى.

«تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە گۈزەل يۇرتىمىزنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك.» 2013 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، «ھازىر موتوغا بارىدىغان يول تۇتاشتۇرۇلدىمۇ؟» دېگەن سوئالى لوبۇ ياڭزۇڭنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.

«بۇ يىل مەن باش شۇجىغا يەنە بىر يېڭى يول پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلىمەن!» دېدى لوبۇ ياڭزۇڭ.

«باش شۇجىغا ئەگىشىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلىنىمىز!»

لوبۇ ياڭزۇڭنىڭ سۆزى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىدا مەۋج ئۇردى!

(مۇخبىرلار ۋۇ جىڭ، چېن سۇڭ، چۈ تىڭ، شۈ جۇاڭ، جاڭ خۇيخۇي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.