تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپتە «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

«ئىدارىمىز ئوتلاقنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىيلاشقان ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چېكىنگەن ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكا - ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتلاق باشقۇرۇش بىلەن جىپسىلاشقان ئوتلاق ساغلاملىقى يەرلىك سانلىق مەلۇماتىنى بەرپا قىلىدۇ...» بۇ، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ مىڭجۈننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا سۇنغان تەكلىپىدىكى ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابى.

«ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتا مەن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ھەر بىرى ئىنتايىن تەپسىلىي جاۋابقا ئېرىشتى، بۇنىڭدا ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇش بار، ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانى بار، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن ئىلھاملاندىم» 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ليۇ مىڭجۈن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

دۆلىتىمىز ئوتلاق چوڭ دۆلىتى بولۇپ، ئوتلاق كۆلىمى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئوتلاق ياردەم پۇلى، مۇكاپات سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

«لېكىن ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاش خىزمىتى ئارقىدا قېلىش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە سېلىنما يېتەرلىك بولماسلىق، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى قالاق بولۇش، ئوتلاقنى ھۆددە بېرىش، قاتلاملىق ھۆددە بېرىش، ئوبوروت قىلىشقا ئالاقىدار نىزاملار دېگەندەك مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.» ليۇ مىڭجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭمۇ چارۋىچىلىق چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ليۇ مىڭجۈن ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاشنى كۈچەيتىش، ئوتلاق مۇكاپاتلىق ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەش، باھالاش، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، ئوتلاقنى قانۇن بويىچە تۈزەش، چارۋىچىلىقنى قانۇن بويىچە گۈللەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يەم - خەشەك كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ليۇ مىڭجۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. ئوتلاق ياردەم تولۇقلىمىسى، مۇكاپات سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەش، باھالاش مەسىلىسى توغرىسىدا، جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە قوشۇنى قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئېكولوگىيەلىك ئورمان (ئوتلاق) مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئورمان (ئوتلاق) مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتلاقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتلاق ياردەم پۇلى، مۇكاپات سىياسىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش دەۋرىيلىكى بويىچە ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بويىچە باھالاشنى يولغا قويىدۇ.

ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش مەسىلىسىگە قارىتا، جاۋابتا مۇنداق دېيىلدى: ئىدارىمىز ئوتلاقنى ئىلمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، رايونغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋاملىق تۈردە مەركەزنىڭ يەرلىكنى پەن - تېخنىكا تەرەققىيات فوندى جەھەتتە يېتەكلىشى ئارقىلىق، ئاساسلىق چارۋىچىلىق رايونى بولمىغان ئۆلكىلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى پائال قوللاپ، ئوتلاقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئوتلاقنى قانۇن بويىچە تۈزەش، چارۋىچىلىقنى قانۇن بويىچە گۈللەندۈرۈشنى كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرىسىدا، جاۋابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدارىمىز ئوتلاق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش يىغىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئوتلاق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنى ئوتلاقنى ئوبوروت قىلىش ۋە مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار نىزام - بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، جەمئىيەت كەڭ قاتنىشىدىغان چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جاۋابىدا يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدارىمىز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 3 - نۆۋەتلىك ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى، مۇكاپات سىياسىتى ۋە ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەسىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ليۇ مىڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئوتلاقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قول سېلىپ قانات يايدۇردى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەكلىپلىرىمنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، زور ئىلھاملاندىم. كېيىنكى قەدەمدە، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپتە «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.