ئەزا يۈكسەك شىجائەت:
خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلايمەن
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي
بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت بىر تەرەپتىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىسە، بىر تەرەپتىن ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 2024 ـ يىللىق «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كىچىك ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق قىلدى.
بۇ يىل يۈكسەك شىجائەت «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كىچىك ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىگە ئۇدا قاتنىشىۋاتقانلىقىنىڭ 3 ـ يىلى.
2022 ـ يىلى، يۈكسەك شىجائەت شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى تەشكىللىگەن «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كىچىك ئەترىتى بىلەن بىللە يۇرتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات ـ سەنئەت تايانچلىرى، يېزا ـ كەنت مەدەنىيەت باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 كىشىنى ئۇسسۇل، چالغۇ، ناخشا ـ مۇزىكا، رەسىم سىزىش، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلىدى. بۇلتۇر، ئۇ يەنە «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كىچىك ئەترىتىنى باشلاپ ئاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى سەككىز يېزا ـ بازاردىكى دېھقانلارغا قارىتا ناخشا ـ مۇزىكا، ئۇسسۇل، چالغۇ، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.
بۇلتۇر 12 ـ ئايدىن بۇ يىل 1 ـ ئايغىچە، يۈكسەك شىجائەت تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە يەنە بىر قېتىم باردى. بۇ قېتىم ئۇ يۇرتىغا ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپە بىلەن كەلدى، بىرى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 3 ـ ئايدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلاش؛ يەنە بىرى، يۇرتىدىكى خەلق ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىش ئىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يۈكسەك شىجائەت ھازىرقى يېزىلارنىڭ خاس كەسىپ، خاس ئاھالىلەر تۇرالغۇ ئۆيلىرى قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان نۇرغۇن كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئامما ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكىنى بايقىدى. بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مول سەھنە تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان يۈكسەك شىجائەت ئۇلارنىڭ تاجىك مىللىتىنىڭ خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ماختاپ، نومۇرلارنى ئورۇنلاش جەھەتتە تەكلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ سەھنىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۆز قولى بىلەن ياردەم بەردى.
تەكلىپنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن، يۈكسەك شىجائەت تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنى ئارىلاپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرى ۋە يۈرەك ساداسىنى تولۇق ئىگىلىدى. «مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن، مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن!» دېدى يۈكسەك شىجائەت.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ، يۈكسەك شىجائەتنىڭ ئەسلىي مەقسىتى.
يۈكسەك شىجائەتنىڭ بوۋىسى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇنىڭ دادىسىمۇ 60 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلغان يۈكسەك شىجائەت كىچىكىدىن تارتىپلا چوڭ بولغاندا ئۇلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىغان.
2020 ـ يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 ـ يىغىنىنىڭ «ئەزالار يولى»دا، يۈكسەك شىجائەت پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە: «مېنىڭ خىزمەت نىشانىم − خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەرگەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، يۈكسەك شىجائەت ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئىزچىل بۇ يولدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.