تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىللەر، ئەزالارنى رازى قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

ۋەكىللەر، ئەزالارنى رازى قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تەۋسىيەلەر، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەكىللەر، ئەزالارنى رازى قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا تەۋسىيە ۋە تەكلىپ بېرىشى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇھىم سىياسىي ھوقۇق، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق رايىغا قۇلاق سېلىشى، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشىدىكى مۇھىم تۇتقا ۋە ئۈنۈملۈك يول. بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەرنىڭ 494 پارچە تەۋسىيەسى، ئەزالارنىڭ 497 پارچە تەكلىپىنىڭ ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغانلىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۈمىدىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىشەنچنى چىڭىتتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»غا قويۇپ، تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بېجىرىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، زىچ ئالاقە باغلاپ، تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى بېجىرىش بىلەن «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلام خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشنى تۇتۇپ، ۋاقىت تۈگۈنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جاۋاب قايتۇرۇش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بېجىرىش، ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنى مەركەزلىك بېجىرىش، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ئالدىن بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، مېخانىزم خاراكتېرلىك تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى، بېجىرىلىش نىسبىتى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىدا بېجىرىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك بېجىرىلىشكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت كۆزنەك تور بېكىتى، يۇغۇرما تاراتقۇ قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، بېجىرىش نەتىجىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە كەڭ ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇۋېلىش، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار ئاساسلىق رەھبەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇل رەھبەر ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، كەسپىي تارماقلار كونكرېت بېجىرىشتىن ئىبارەت قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بېجىرىش جەريانىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇش كېرەك. ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى بېجىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار تەۋسىيە ـ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى نىڭپىڭ، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.