تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەن 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئارگىنالى مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادتا قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلەر تولۇق تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەردە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سالماقنى مۇۋاپىق زورايتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك، پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.