تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بۇ يىل «8-مارت» ئاياللار بايرىمى پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى مول ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەقەززامىز

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاچقان ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى، مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش، ھوقۇقنى قوغداش باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات، ئاپتونوم رايونلۇق ئايال ئىختىساسلىقلارنى مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرىدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق ئايالنى ئانا-بالىلارنى پەرۋىش قىلىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن

   بۇنىڭ ئىچىدە، «پارتىيەگە ئەگىشىپ يېڭى سەپەرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش يېڭى دەۋردە ئاياللار تۆھپە يارىتىش» بويىچە مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8-مارت قىزىل بايراقدارلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىلىرى ۋەكىللىرى، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ۋەكىللىرى، مۇنەۋۋەر ئايال كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 80 كىشى سۆھبەت ھەمبەھرىلىنىشىگە قاتناشتى. مۇنەۋۋەر ئاياللار ۋەكىللىرى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆ ۋە شىنجاڭ كەسپىي داشۆ قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

   3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى 48 «ئانار گۈلى» ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئىشخانىسى «ئاياللار قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە يېزا-كەنتلەرگە سەپەر» تېمىسىدىكى قانۇننى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى، شىمالىي شىنخۇا يولى كوچا باشقارمىسى قاتارلىق جايلاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەق مەيداندا ئاھالىلەرنى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق تارماقلار 2024-يىللىق «باھار شامىلى ھەرىكىتى» بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئايال ئىختىساسلىقلارنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىمۇ شىنجاڭ ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى، دۆلەت ئىلكىدىكى (پۇقراۋى) كارخانا قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار ئايال ئىختىساسلىقلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.