بايىنبۇلاق يايلىقى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بايىنبۇلاق رايونى تەۋەسىگە توغرا كېلىدۇ
خۇلۇنبېر يايلىقىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ
دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى
جىلىن 1-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭىدا
بايىنبۇلاقنىڭ ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ باقايلى
(تۆۋەندىكى سۈرەتنى يانتۇ ھالەتتە كۆرۈڭ)
«ئۇچقاندەك ئۆتكەن ھايات» فىلىمىدىكى
داڭلىق ھەم سىرلىق «ئالۋاستى مۇسابىقە يولى»دا
مەنزىرە تاللاش ئورنى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىغا يوشۇرۇنغان
100 كىلومېتىرلىق ئەگرى-بۈگرى، قۇم-شېغىللىق «ئات يولى»
خېجىڭ ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان يول بولۇپ
بەزى جايلىرى ئىنتايىن تار ئىدى
بايىنبۇلاقتىكى مۇسابىقە يولى
ئېگىز تاغ ئويمانلىق يەر شەكلىگە كىرىدۇ
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىيەتتىمۇ مۇنتىزىم مۇسابىقە يولى ئەمەس
مايتاغ-كۇچا تاشيولى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ
ئەتراپىنى گۈزەل مەنزىرىلەر ئوراپ تۇرىدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئىزچىل شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار تاللايدىغان ئالتۇن رايون بولۇپ
ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە
بايىنبۇلاقتىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى
ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە
خېجىڭ ناھىيەسىدىكى «تاشيول مەنزىرە بەلبېغى»
تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتىكى تېخىمۇ ياخشى داكا قىلىدىغان جاي قىلىپ بەرپا قىلىندى
مىڭدىن ئارتۇق بۇلاق سۈيى پۈتكۈل يايلاقنى سۇغىرىپ
قار-مۇزلار ئېرىگەندىكى كىچىك ئېرىقلار بىلەن ئويمانلىقتا قوشۇلىدۇ
بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى چوڭ دەريا − قايدۇ دەرياسى شەكىللەنگەن
دەريا ئېقىنى ئويمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، يايلاقلارنى سۇغىرىپ
يايلاقتىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى