سىرتتا قار ئۇچقۇنداپ تۇراتتى، پارنىك ئىچىدە شاخلار چېچەكلەر بىلەن تولغانىدى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزىسى كۆكلەم كۆكتات بازىسىدىكى پارنىكتا توغاچ چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى. پارنىك مەسئۇلى شاۋ مىڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل يەتتە پارنىكتا توغاچ ئۆستۈردۇق، ھازىر راسا چېچەكلەش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتتى، 5-ئاينىڭ باشلىرىدا توغاچنى بازارغا سالساق بولىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن ۋۇجيەن)
شاۋ مىڭيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل توغاچنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 10 توننىدىن ئېشىپ، ساپ كىرىمنىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.