تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

     ئېلېكترونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

    ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تور بېتىگە كىرگەندىن كېيىن، باش بەتتىكى «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى بىجىرىش» ئىچىدىن «ئىجتىمائىي كاپالەت»نى تېپىپ، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش»نى چېكىپ، بېجىرمەكچى بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتىنى تاللايمىز. ئىلتىماسنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، يۆتكەپ ئاپىرىدىغان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات ئارقا سەھنىدە تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا قارىتا كېيىنكى يۆتكەش تەرتىپىنى باشلايدۇ. ئىلتىماس بېتىدە «بىجىرىلىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرۈش»نى چېكىپ بېجىرىلىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىلىپ بولىدۇ.

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.