تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موزايلار ئايرىم قوتاندا بېقىلماقتا

   2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شيەندەي چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈت سېغىش زالىدا، خىزمەتچى خادىملار تولۇق ئاپتوماتىك ئايلانما تاختىلىق سۈت سېغىش سۇپىسىدا سۈت ساغماقتا. بۇ يىل، سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىسىغا جايلاشقان شيەندەي چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتى دىققەتنى ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ سېتىۋېلىش، ئەلا سۈپەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك سۈت بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىيلەشكەن باقمىچىلىق ۋە زامانىۋىلاشقان باشقۇرۇشقا تايىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىدا مېڭىشىغا كۈچ قوشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ كارخانىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ)

خىزمەتچى خادىم شيەندەي چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ موزاي باقمىچىلىق رايونىدا ئايرىم قوتاندىكى موزايلارغا قوشۇمچە يەم-خەشەك بەرمەكتە. 

خىزمەتچى خادىم شيەندەي چارۋىچىلىق (سانجى) چەكلىك شىركىتىنىڭ موزاي باقمىچىلىقى رايونىنى چارلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.