تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​بۇ بىرنەچچە كۈندە تەۋسىيەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بېيىتىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدى

ۋەكىل لى لەن:

​بۇ بىرنەچچە كۈندە تەۋسىيەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بېيىتىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

«بۇ بىرنەچچە كۈندە تەييارلايدىغان تەۋسىيەدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يەنىمۇ بېيىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم» دېدى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئالاتاۋ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەن.

بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، لى لەن ئۆز خىزمىتىنى چۆرىدەپ، قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان يەتتە تەۋسىيەنى سۇنغانىدى. «بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇلدى. بۇ مېنىڭ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى داۋملىق كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى پائال تولۇق ئادا قىلىشىمغا ئىلھام بولدى» دېدى لى لەن.

بىر يىلدىن بۇيان، لى لەن كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، تەربىيەلەش، ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، قاپلاش دائىرىسى جەمئىي 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. لى لەن مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى تېز ئالغا باسقان بىر يىل بولدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نەزەر دائىرەم ۋە كۆز قارىشىم ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە قارىتا تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولدۇم.

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %45.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، تۇنجى قېتىم 350 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىگە ئەگىشىپ، پورتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ تۈرى تېز كۆپەيدى. لى لەن كارخانىلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاۋارلارنى پورتتا تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا كۈچلۈك ئىلتىماس - تەلىپى بارلىقىنى ئىگىلىدى.

2 - ئاينىڭ بېشىدا، لى لەن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىدىكىلەر چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن قىچا ئۇرۇقىدىكى كارانتىن قىلىنىدىغان كېسەللىك زىيانداشلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىن تەجرىبە قىلىش تەرتىپى ۋە تەپسىلاتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ھازىر چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن قىچا ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار تەجرىبە تەرتىپى تولۇق تاماملاندى، ھەر ۋاقىت كارخانىلارنىڭ ئىمپورت قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ» دېدى لى لەن.

قانداق قىلىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تۇنجى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىسلاھات، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە، زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش لى لەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى.

2023 - يىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتۈش ئەندىزىسى» ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، پورتنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. لى لەن مۇنداق بىلدۈردى: پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ تېزلەشكەندىن كېيىن، بۇ ئەۋزەللىكتىن قانداق ياخشى پايدىلىنىپ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، مەن بۇ تېما توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىرىدا بۇ يىل چېگرا پورتىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى شەكىللەندۈردۈم.

«مەن پورتتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، يەرلىك ھۆكۈمەت، كارخانىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ پورت ئىقتىسادىغا كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ.» لى لەن مۇنداق دېدى: مەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئارقىلىق پورت ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرنى يىغىنغا ئېلىپ بېرىپ، چېگرا پورت ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.