تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ 2023 - يىللىق دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ئېتىراپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، قاراقاش ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى تىزىملىككە كىردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەخمۇت ئۆمەرجان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۇپىسى، ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، مەخمۇت ئۆمەرجان شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدا تەۋسىيە ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى قاتارلىقلارنى قوللاشقا مايىللىشىپ، بەرپا قىلىش سانى كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خادىملار جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

«يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەلەرگە تۈرمۇتۈر جاۋاب بەردى ھەم ھازىرقى ئەھۋال ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولدى» دېدى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مەخمۇت ئۆمەرجان.

جاۋابتا مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغچە رايونى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى بورتالا شەھىرى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاتارلىق ئون ناھىيە(شەھەر)نىڭ دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېتەكلەش مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكى، خاسلىقى كۆرۈنەرلىك، كەسىپ زەنجىرى تاكامۇللاشقان، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش زىچ بولغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە بەرپا قىلىدۇ.

جاۋابتا يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ماناس ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى قاتارلىق بەش ناھىيە دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، تېكەس ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى بەرپا قىلىش تەستىقلىنىدۇ ھەم ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىلىدۇ.

مەخمۇت ئۆمەرجان مۇنداق بىلدۈردى: جاۋابنى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدۇق، جاۋابتىكى كونكرېت تەلەپ بويىچە، تۈر زاپىسىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، تەرتىپ بويىچە ئىلتىماس قىلىمىز. «بىز يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلارنى ھەميېنىنى بارغانسېرى تولدۇرۇش، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.