تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل «دوپامىن» رەڭ، ئەڭ ئاخىرقىسىنى چوقۇم ساقلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

2024-يىللىق ساياھەت پىلانىڭىزنى تۈزۈپ بولدىڭىزمۇ؟

ئەگەر تېخىچە ئويلىشىپ بولالمىغان بولسىڭىز

مەن سىزگە مۇنداق تەكلىپ بېرەي:

[شىنجاڭنىڭ تۆت پەسلىنى داكا قىلىڭ] 

بۇ ئۆمرىڭىزدە

چوقۇم بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىڭ

شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يەتتە خىل رەڭنى يىغىڭ

شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل، بىپايانلىقىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ

شىنجاڭنىڭ سىرلىق، تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ


ئۆرۈك چېچىكى ھال رېڭى

ئۆرۈك چېچىكى ھال رېڭى 

سىزنى باھاردا توقسۇنغا چىللايدۇ

ئىلى دەريا ۋادىسىدا رومانتىك تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ

پامىر ئېگىزلىكىدە خۇددى خىجىلچان قىزغا ئوخشاش گۈزەل ھېسلارغا تولدۇرىدۇ

ئۇ شىنجاڭدا باھاردىن دېرەك بېرىدۇ


يايلاق يېشىلى

سۈرەت مەنبەسى: ئانيۇ بۇخۇيفېي (阿牛不会飞)

يايلاق يېشىلى

ناراتتىكى بىپايان يېشىللىقنى

قاراجوندىكى مۇلايىملىقىنى

بايىنبۇلاقتىكى گۈزەللىكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ

بۇ بىر ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرىدۇر


قۇملۇق سېرىقى

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى

سۈرەت مەنبەسى: ياڭ جۈنجوۋ

قۇملۇق سېرىقى

تەكلىماكاننىڭ سىرىنى

قۇمتاغنىڭ چوغدەك قىزىقىنى

قۇياش نۇرىنىڭ قالدۇق نۇرىنى نامايان قىلىدۇ

ھەم ئىسسىق ھەم قاقاس


يارداڭ قىزغۇچ سېرىقى

سۈرەت مەنبەسى: قومۇل مەدەنىيەت-ساياھىتى

يارداڭ قىزغۇچ سېرىقى

مۇگۇيچېڭدا نامايان بولغان ئاجايىپ گۈزەللىك

داخەيداۋدىكى بىپايانلىق ۋە جىمجىتلىق

كۈن پاتقان پەيتتىكى ئېگىزلەپ-پەسىيىپ تۇرغان تاغ-ئېدىرلىق

ئۇ خۇددى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان ۋاقىتقا ئوخشايدۇ


كۆل سۈيى كۆكى

سۈرەت مەنبەسى: سەيۋەيدىكى ئىشلار (塞外两三事)

سۈرەت مەنبەسى: خۈەنيوۋ تيەنشيا (环游天下)

كۆل سۈيى كۆكى 

«ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى»دە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ

باغراش كۆلىدە سۇ بىلەن ئاسماننى تۇتاشتۇرىدۇ

قېنىق-سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان كۆك رەڭ

قۇياش نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇرىدۇ


قار چوققىسى ئېقى

قار چوققىسى ئېقى

ئۇ، تىيانشاننىڭ ئۆزگەرمەس ۋەدىسى

مەيلى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشتا بولسۇن

ئۇ يەنىلا يىراققا قەددىنى تىك تۇتۇپ

ھەربىر دوستىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ


ئۈستىقۇددۇس سۆسۈنى

سۈرەت مەنبەسى: شيەنبېي ساياھىتى (仙贝旅行)

سۈرەت مەنبەسى: ئىلى يېشىل دەريا جىلغىسى

ئۈستىقۇددۇس سۆسۈنىگە

قورغاسنىڭ مۇلايىملىقى يوشۇرۇنغان

سۆسۈن رەڭلىك دولقۇنلار شامالغا ئەگىشىپ ئېگىزلەپ-پەسىيىپ

ھاۋانى خۇش پۇراق قاپلاپ

تاتلىق چۈشلىرىڭىزگە ھەمراھ بولىدۇ


تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىڭىزمۇ؟

ئەلۋەتتە، شىنجاڭدا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان نۇرغۇن گۈزەل مەنزىرىلە بولۇپلا قالماي

يەنە نۇرغۇن مەززىلىك تائاملار بار

مەسىلەن ↓↓↓

گۆش تۈرىدىكى تائاملار: كاۋاپ، چەينەك شورپىسى، داپەنجى، جياۋماجى، سۇدا پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، بېلىق كاۋىپى 

ئاساسلىق تاماقلار: لەڭمەن، سومەن، سۇيۇقئاش، پولۇ، راڭپىزا، چاۋمىفېن

ئۇششاق يېمەكلىكلەر: سامسا، پېتىر مانتا، ئەتكەن چاي، قېيزا، خاس قۇرۇق مېۋىلەر، قېتىق زۇڭزا

ھەيۋەتلىك تىيانشاندىن بىپايان قۇم دېڭىزىغىچە

تەبىئىي مەنزىرىدىن قەدىمىي شەھەرگىچە

شىنجاڭ

2024-يىلىنىڭ ھەربىر كۈنىدە سىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ


بىر قىسىم سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.