تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 83:59 نەتىجە بىلەن فۇجيەن شيامېن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا، 2024-2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)دە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 83:59 نەتىجە بىلەن فۇجيەن شيامېن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى چەت ئەللىك ماھىر ئەنسۇنا سىتىۋېنىس ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 25 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان 12 توپنى ئالدى، ۋۇ يىفەن 20 نومۇرغا ئېرىشتى، گاردىن قايتقان بەش توپنى ئالدى، جۇ مېيچى، سۈن رۇيياۋ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 نومۇرغا ئېرىشتى، لى يۈچيۇڭ 6 نومۇرغا ئېرىشتى، سەككىز قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، گاردىن قايتقان ئالتە توپنى ئالدى. بىر قىسىم ئاساسلىق ئەزالار كەم ئەھۋالدا، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى قىزلار باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش ۋە ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، چوڭ نومۇر بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشتى.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى جۇ مېيچى (سولدا) گار ئاستىدا قارشى تەرەپنىڭ توپچىسى بىلەن توپ تالاشماقتا.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سىتېۋېنىس گار ئاستىدىن توپ ئاتماقتا.
2ـ ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ يىفەن قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرمەكتە.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى رەسۇلە (ئوڭدا) قارشى تەرەپ توپچىسى بىلەن توپ تالاشماقتا.  

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لى يۈچيۇڭ توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى جيا نەن مەيدان سىرتىدا توپچىلارنىڭ توغرا ئورۇن ئېلىشىغا قوماندانلىق قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كىچىك توپ مەستانىلىرى بىلەن مەدەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە توردا ئالقىشلانغان ئۇسسۇل «كېمۇسەن»نى ئوينىماقتا.

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەدەتچىلەر ئەترىتى نەق مەيداندا مەدەت بەرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.