تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ بېرىپ يۈرمەڭ! بۇ باغچىلار ئارقا-ئارقىدىن تاقالدى!

ساياھەتچى دوستلار دىققەت!

ئۈرۈمچى تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسى

ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ئارقا-ئارقىدىن تاقالدى

بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ كېلىپ يۈرمەڭلار


تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسى ھۆكۈمەت تەرەپ دوۋيىن سۇپىسىدا شەھەرچىنى تاقاش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

    2-ئاينىڭ 26-كۈنى، تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسى ھۆكۈمەت تەرەپ دوۋيىن سۇپىسىدا شەھەرچىنى تاقاش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى: تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 24:00دىن باشلاپ رەسمىي تاقالدى.

    تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى تېڭخۇي 3-يولى غەربىي 1-كوچىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي ئېچىلغان، ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇش، گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلىش، «يۇلتۇزلۇق ئاسمان تونىلى»دىن ئۆتۈش، گۈلخان كېچىلىكىگە قاتنىشىش... كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار-مۇز پەسلىگە «قىزغىنلىق» قوشتى.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسىدە، شەھەر ئاھالىلىرى تۆمۈر ئۇچقىنى چىقىرىش ئويۇنىنى كۆرۈپ، يېڭى يىل كېچىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

جاڭ شيۇكې فوتوسى

    خەۋەر قىلىنىشىچە، تىيانشان مىڭيۆ قار-مۇز شەھەرچىسىنىڭ ئورنى ئەسلىدىكى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى 2-نومۇرلۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 مو كېلىدۇ، قىشلىق چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ساياھەت، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك مەيدانى، سودا كوچىسى رايونى بىر گەۋدە قىلىنغان قىشلىق مەدەنىيەت-سودا-ساياھەت ئۇنىۋېرسال باغچە رايونى، شۇنداقلا، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىن كېيىنكى خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يەنە بىر تۈر ھېسابلىنىدىكەن.


ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق باغچىنىڭ تاقالغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

   2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق باغچە تاقالغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىش ۋاقتى ۋاقتىنچە 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگە بېكىتىلدى. باغچە تاقالغان مەزگىلدە ئۈسكۈنىلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق رېمونت قىلىنىدۇ ۋە ئاسرىلىدۇ ھەمدە باغچە ئىچىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

2023-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسىدا بېزەك ئاپتوموبىلدا ئايلىنىش پائالىيىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 367 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىۋېرسال كارتون پەن-تېخنىكىسى، رەقەملىك ھولوگرافىيەلىك كىنو-تېلېۋىزىيە، باش تېمىلىق ئويۇن قويۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، باش تېمىلىق كارتون ئوبرازى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى زال ئىچى-سىرتى باش تېمىلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىن 100 يۈرۈشتەك بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.