تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ كۆپ پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭ «سەھنىسى»گە چىقىرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«ئالاقىدار تارماقلار بەرگەن جاۋابتا مەزمۇن تەپسىلىي ۋە روشەن، تەدبىر ئېنىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم» دېدى 2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى غەربىي قىسىم بۇرغىلاش ـ چارلاش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خۇڭتاۋ مۇخبىرغا تەكلىپكە جاۋاب بېرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا.

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىدا، ليۇ خۇڭتاۋ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ليۇ خۇڭتاۋ شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. 2022 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش، شىنجاڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىلىم ـ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكا ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مەدىتى بىلەن تەمىنلەش، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى بەرگەن جاۋابتا جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدىكى باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈشىگە باشتىن ـ ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كۆرسىتىش، تەقدىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىدىغانلىقى؛ ئاقىللار ئامبىرى بايلىقىنى توپلاپ، ئەقلىي كۈچ تىرىكىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ۋەزىپە، يادرولۇق تېخنىكا ۋە تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۆزلەپ تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، «ئاكادېمىك ـ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى سەپىرى»، «بىر بەلباغ، بىر يول، ساغلام شىنجاڭ» خۇاشيا ئاكادېمىك ـ مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ سەپىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىگە سىجىل ئەھمىيەت بېرىمىز. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى ئەقلىي كۈچلەرنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكەت پىلانى خىزمەت بازىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز؛ ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كۆرسىتىش، تەقدىرلەش ۋە ياش پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل مەدەت بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەر ۋە ئاكادېمىك ـ مۇتەخەسسىسلەرنى ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى ياردەم قىلىش ـ يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭغا بېرىپ «قابىللار باشلامچى بولۇش»قا ئىلھاملاندۇرىمىز؛ مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى شىنجاڭدا مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» سۇپا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قاتارلىق «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر (باغچە رايونى) قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، دىققەتنى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.