تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش باش ئەترىتى توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىشلىتىشتە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

  توكلۇق ۋېلىسىپىت ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قاتناش قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇرمۇشقا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، ئۆلچەملەشمىگەن ئىشلىتىش ئېلىپ كەلگەن ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى «توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىشلىتىشتە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەسكەرتمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ توكلۇق ۋېلىسىپىتنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىپ، توختىتىپ، توكلۇق ۋېلىسىپىت ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئەسكەرتمىدە مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئوت كېتىشنىڭ ئاساسلىق زىيىنى شۇكى، ئوت كەتكەن جايدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە زەھەرلىك ئىس- تۈتەك چىقىدۇ. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلاشتىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىنى تەجرىبە قىلغان، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىدا توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئوت كېتىپ 30 سېكۇنتتا، زەھەرلىك ئىس پۈتۈن ئۆي ۋە كارىدورنى قاپلايدىكەن، پەيدا بولغان زور مىقداردىكى زەھەرلىك قويۇق ئىس- تۈتەك ئاسانلا ئۆلۈش- يارىلىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئوت كېتىشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: زىيادە توك قاچىلاش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە سەككىز سائەت ئەتراپىدا توك قاچىلىسىلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت توك قاچىلىغاندا، باتارېيە قىزىپ، كۆپۈپ كېتىدۇ، ھەتتا پارتلاپ كېتىدۇ؛ توك يولى كونىراپ كېتىش، توكلۇق ۋېلىسىپىت ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلگەندە، توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىچىدىكى ئۇلانما توك يولى ئاسانلا كونىراپ، بوشاپ، توك قېچىش، تېگىشىش ياخشى بولماسلىق ياكى ماس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ توك سىمىدا كاشىلا كۆرۈلسە، پەيدا بولغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ئېگەر تەگلىكى ھەم بېزەك سۇلياۋ دېتاللىرىنى ئاسانلا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ؛ توك قاچىلىغۇچنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەسلىك، نۇرغۇن ئائىلىدە توكلۇق ۋېلىسىپىتتىن بىرنەچچىسى بولىدۇ، باشقا- باشقا ماركىدىكى توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرنىڭ توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىمۇ، باتارېيەگە زىيان يېتىدۇ. توك قاچىلىغۇچ ئۇپرايدىغان بۇيۇم بولۇپ، ئىشلىتىلىش ۋاقتى قىسقا، ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئالماشتۇرغاندا ئاككۇمۇلياتورنىڭ تىپى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، توكلۇق ۋېلىسىپىتلاردىن كېلىپ چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېچىدە توك قاچىلىغاندا يۈز بەرگەن، نۇرغۇن توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىگىسى ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ، دائىم ئۇخلاشتىن بۇرۇن توكلۇق ۋېلىسىپىتىنى كارىدور ياكى مېھمانخانىغا قويۇپ كېچىچە توك قاچىلايدىكەن، تۈن نىسپىدىن تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان ۋاقىت كىشىلەر ئېغىر ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە ۋاقتىدا بايقىيالمايدىكەن، ھەتتا قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىكەن.

  توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئۆي ئىچىدە توك قاچىلاش ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىش، لىتىيلىق باتارېيەنى ئالماشتۇرۇش ئاسانلا بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  شۇڭا، توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىگىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، توكلۇق ۋېلىسىپىت ياكى باتارېيەنى مەركەزلىك توك قاچىلاش ئەسلىھەسىگە قويۇپ ئۆلچەملىك توختىتىڭ ياكى توك قاچىلاڭ؛ تۇرالغۇ ئۆي ئىچىدە (بىنا ئىچى، ئۆي ئىچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توك قاچىلاشقا بولمايدۇ؛ توكلۇق ۋېلىسىپىتنى پەلەمپەي، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ھەم بىخەتەر چىقىش ئېغىزىغا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ باتارېيەنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا ياكى نىمكەش باتارېيە سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغاندا تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى، نامى ياخشى بولغان توكلۇق ۋېلىسىپىت ماركىسىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ كېيىنكى يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماسلىق ياكى ساتقۇچىلاردىن توكلۇق ۋېلىسىپىتنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.

  ئولتۇراق رايون خوجىلىقى، ئېگىز بىنالارنى باشقۇرۇش شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت بەلگىلىمىسى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە، توكلۇق ۋېلىسىپىت توختىتىش، توك قاچىلاش ئورنى تەسىس قىلىشىنى؛ تەدبىر قوللىنىپ، ئىمارەت ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توكلۇق ۋېلىسىپىت توختىتىش ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلاش قىلمىشلىرىنى توسۇشىنى ئەسكەرتىمىز.

  بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، «ئېگىز قەۋەتلىك پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ئېگىز قەۋەتلىك پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئاممىۋى كارىدورى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، پەلەمپەي ئارىلىقى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزىغا توكلۇق ۋېلىسىپىت توختىتىپ قويغان ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلىغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تىجارەت خاراكتېرلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  شەھەر ئاھالىلىرى ئەگەر ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئوت مۇداپىئە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا 12345كە تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ھەم ئالاقىدار تارماقلار مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ)

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.