شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2023 - يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، يېمەكلىك ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگە ئېلىش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختا ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك خەۋپ - خەتەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق يېمەكلىكلەر، شىنجاڭنىڭ خاس يېمەكلىكلىرى، ياشانغانلار - بالىلار ئالاھىدە يېمەكلىكلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ مەكتەپلەردىكى يېمەكلىكلەر، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى ۋە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ نىشانلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئىستېمال مىقدارى كۆپ نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە مەكتەپ ئەتراپى، چوڭ سودا ساراي - تاللا بازارلار، مەركەزلىك تاماق سەپلەش ئورۇنلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش، ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «12315» ئەرز قىلىش، پاش قىلىش سۇپىسىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم ئىستېمال ئارقىلىق ئىستېمال ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق تۆت ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.