تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

راك كېسىلى قورقىدىغان تۆت خىل يېمەكلىك، كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز! تېزدىن ساقلىۋېلىڭ

   ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى راك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر تال ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش بىلەنلا ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا ياكى يېمەكلىكلەرمۇ بىزنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشمۇ يوق، لېكىن راك كېسىلى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ھەقىقەتەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    بۇ ماقالىدە كۆپچىلىككە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى سۆزلەپ بېرىمىز، كۆپچىلىك پايدىلانغاچ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرسا بولىدۇ.

1

_____________________________________________________________________________________

    كۆپرەك يېڭى مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېيىش

    يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى كۆپ بولۇپ، بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىغاندىن سىرت، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ.

   1. ۋىتامىن C

   يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردە ۋىتامىن C مول، بولۇپمۇ چىلان، مايمۇن شاپتۇلى، بۆلجۈرگەن، ماندارىن، ئاپېلسىن، تاتلىق لازا، رەڭلىك لازا، كىچىك بەسەي قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C مىقدارى ناھايىتى ياخشى. ۋىتامىن C بىر قەدەر كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ نىتروزامىنغا ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەيدۇ، نىتروزامىننىڭ راك پەيدا قىلىش رولى بار، شۇنداقلا ئۇ ئاشقازان راكىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

   2. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب

   سەۋزە، كۇجۈسەي(بوز تىكەن)، شوخلا، قىزىل پىياز، قىزىل كاپۇستا قاتارلىق قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان تەركىبلەر تېخىمۇ كۆپ، مەسىلەن، β - كاروتېن، لىكوپېن، سىئانىدىن، كېۋېرتىسېتىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ئەركىن رادىكاللارنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ياللۇغقا قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

    بولۇپمۇ، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى تېخىمۇ چوڭ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرغاندا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار يەنە ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

   ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتاتنى كۆپ يېيىش يەنە بوغماق ئۈچەي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ قاسرىقى (بەز) راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ مېۋىنى كۆپ يېيىش ئاساسلىق ھەزىم قىلىش يولىدىكى راك كېسىلىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، مەسىلەن، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

2

_____________________________________________________________________________________

ئاساسلىق يېمەكلىكلەردە دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپەيتىش

   بىز ھەمىشە كۆپچىلىككە ئاق گۈرۈچنى، ئۇننى ئاز يېيىشنى، ئاساسلىق يېمەكلىكلەردە دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى، ساپ ئاق گۈرۈچ، ئۇنغا سېلىشتۇرغاندا، بارلىق دانلىق زىرائەت تەركىبىدە تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك تالاسى، B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق.

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە بوغما تۈز ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

    سۇلۇ، ئارپىغا ئوخشاش دانلىق زىرائەتلەرنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە β - گلۇكوزا مول. بۇ سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالالىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، سۇ سۈمۈرۈپ كۆپۈپ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قەۋزىيەت ۋە ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە قاندىكى ماي نورمالسىزلىقىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.

3

_____________________________________________________________________________________

ھەر كۈنى پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش

   دۆلىتىمىزنىڭ «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك دادۇر ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى 25 گرامغا يەتكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنغان، « جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى ئىلمىي تەتقىقات دوكلاتى 2021-يىللىق»دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىسىدىكى %70 ئادەمنىڭ غىزالىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ھەر كۈنلۈك دادۇر ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 گرامدىن تۆۋەن بولغان، بۇ دۆلىتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ دادۇر ئىستېمال قىلىش مىقدارىنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان مىقدارغا يەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    25 گرام دادۇر بىر مۇشتچىلىك كېلىدىغان شىمال دۇفۇسى ياكى يېرىم قاپ جەنۇب دۇفۇسى ۋە ياكى بىر مۇشتچىلىك كېلىدىغان دۇفۇ قەلەمچىسى ياكى ئىككى پارچە دۇفۇ قېقىغا باراۋەر كېلىدۇ.

    پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك ئىستېمال قىلغاندا، سۈت بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

4

_____________________________________________________________________________________

دائىم چاي ئىچىش

    چاينىڭ دۆلىتىمىزدە ئۇزاق تارىخى ئۇزۇن، جۇڭگو دۇنيا بويىچە چاي دەرىخىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان دۆلەت. چاي تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب چاي پولىفېنولى بار، ھەر كۈنى چاي ئىچىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن قېنىق چاي ئىچمەسلىك، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ شۇنداقلا ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم چاي ئىچىپ بەرگەندە يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

   ئەمما، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يېشىل چاي دەملىگەندە بەك ئىسسىق سۇ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 60 سېلسىيە گىرادۇستىن 80 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونترول قىلغاندا، چاي پولىفېنولىغا ئېرىشىش نىسبىتى چاي دەملىگەن سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا 90 سېلسىيە گىرادۇستىن 100 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولغاندا، چاي پولىفېنولىغا ئېرىشىش نىسبىتى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ئەكسىچە تۆۋەنلەيدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا چاي پولىفېنولىغا ئېرىشىش نىسبىتى دەملەش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى تەكلىپلەردىن باشقا، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەرىكەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېۋەڭلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە بوغماق ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، دوۋساق راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، قىزىلئۆڭگەچ بېزى راكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

   شۇڭا، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 مىنۇت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىقلار، ھەر ھەپتىدە يەنە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، ئېلاستىك تاسما، گانتېل، يەر بېغىرلاش، تورنىك تارتىش قاتارلىقلار.

   ئاخىرىدا راك كېسىلىدىن يىراق تۇرۇپ، ساغلاملىققا قۇچاق ئېچىش ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ باقايلى. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتى بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى بەلگىلەيدۇ. يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، گەرچە نۇرغۇن يېمەكلىكنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر خىل يېمەكلىكنى يېسىلا راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دائىم چېنىقىپ تۇرۇش، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.