تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

پەرقلەندۈرۈش: دۇب تۇردۇس قۇشى قانداق قۇش؟

     شىنجاڭدا بىر خىل قۇش بار، ئۇ قۇشقاچقا ئوخشايدۇ، لېكىن جۇغى قۇشقاچنىڭكىدىن چوڭ، قۇشقاچتەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ، ئۇچقاندا دائىم سايرايدۇ، ئۇ بىر خىل ياڭراق پۇشتەكنىڭكىدەك ئاۋاز بولۇپ، تارغاقتا ياغاچنى تاتىلىغاندىكى ئاۋازغا ئوخشايدۇ، يەنە بۇرۇنقى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى پۇشتەك ئاۋازىغىمۇ ئوخشايدۇ. بۇ خىل قۇش دەل دۇب تۇردۇس قۇشىدۇر. 

     «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»(7-نەشرى)گە ئاساسلانغاندا،(دۇب تۇردۇس قۇشىhú dōng  槲鸫 دەپ ئوقۇلىدۇ.

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربى تاغ يېزىسىدا، بىر دۇب تۇردۇس قۇشى دەرەخ شېخىدا جىگدە يىمەكتە.

سۈرەت مەنبەسى: قومۇل تارقىتىشى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى 

     دۇب تۇردۇس قۇشى دۆلەت سىرتىدا ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى، شىمالىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تارقالغان، دۆلەت ئىچىدە پەقەت شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى، تىيانشاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى قاتارلىق ئايرىم جايلاردىلا ئاز مىقداردا تۈر توپى بار.

     دۇب تۇردۇس قۇشىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 28 سانتىمېتىر بولۇپ، جۇغى سەل چوڭراق كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك داغلىرى بار تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئەركەك-چىشىسىنىڭ پەيلىرىنىڭ رەڭگى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بېشىنىڭ رەڭگى ئالىچىپار، ئېڭىكى، بوغۇزىدىن قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمىغىچە ئاق رەڭلىك بولۇپ، قارا رەڭلىك داغلار زىچ تارقالغان، قانىتىدا ئىككى ئاق رەڭلىك قانات داغلىرى بار. كۆز ئەتراپى سۇس سارغۇچ ئاق رەڭلىك؛ قۇلاق پەيلىرىدە قوڭۇر رەڭلىك سۇس سېرىق ئاق رەڭلىك سىزىقچىلار بار.

    بىر يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىدا، دۇب تۇردۇس قۇشى يالغۇز ياكى جۈپ-جۈپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن يازنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باش كۈزگىچە، ئۇلار توپ-توپ بولۇپ يېزا قىشلاق، دالىلاردا پەيدا بولۇپ، كەڭ يايلاق، قاقاس يەرلەردە ئوزۇق ئىزدەيدۇ. بۇ دۇب تۇردۇس قۇشىدىن تەركىب تاپقان ئائىلە توپى بولۇپ، ئۇلار كۆپەيگەندىن كېيىن باشقا ئائىلىلەر بىلەن توپلىشىپ يۈرۈيدۇ، بۇ خىل ھالەت قىش پەسلى يېتىپ كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ. 

    ​2018-يىلى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربى تاغ يېزىسىدا دۇب تۇردۇس قۇشىنىڭ دەرەخ شېخىدا جىگدە يەۋاتقان كۆرۈنۈشى سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان. دۇب تۇردۇس قۇشى جىگدە يېگەندە ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، تۇمشۇقى بىلەن جىگدىنى دەرەخ شېخىدىن «چوقۇپ» ئېلىپ، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، چىشلىۋالغان جىگدىنى ئاغزىغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن جىگدىنى پۈتۈن يۇتۇۋېتىدۇ.

(تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.