تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتداشلارنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن

جاينار جۇماباي:

يۇرتداشلارنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ ئىختىيارىي مۇخبىر فۇ خاۋدۇڭ

بىر قېتىملىق قېلىن قاردىن كېيىن، ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسى نوغايتى كەنتى ئاپپاق تون كىيدى، رەتلىك سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ مۇرىلىرىدىن ئىس چىقىپ، ئەتراپتىكى قار مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، گۈزەل يېزا ـ كەنتنىڭ يېڭى مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

«ئېركىن تاغا، قېنى تېز كىرىڭ.» يېقىندا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياش شۇجىسى جاينار جۇماباي كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنى كۈتۈۋالدى. «بىز كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق ئۈچ ئىشنى مۇزاكىرە قىلماقچى: يەر ئوبوروتى قىلىدىغان ئائىلە سانىنى كۆپەيتىش، مەركەزلىك باقمىچىلىق رايونى تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلارنىڭ چارۋىسىنى قوبۇل قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىكار ئۆيلىرىنى بېزەپ ئائىلىۋى مېھمانخانا قىلىش» دېدى جاينار.

ئالتە يىلدىن بۇيان، جاينار نوغايتى كەنتىدىكى ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، ئۈمىدلىك دالىدا بېيىش ھېكايىلىرىنى پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش تايانچىسىغا ئايلاندۇرۇش

جاينار نوغايتى كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2010 ـ يىلى ئالتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەنتكە قايتىشنى تاللاپ، كەنت داۋالاش ئۆيىدە كەنت دوختۇرى بولدى. مەسئۇلىيەتچان، پۇختا، قابىلىيەتلىك جاينار بارا ـ بارا كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، 2012 ـ يىلى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا، ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

جاينار يېڭى خىزمەت ساھەسىدە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئاكتىپ خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە پۇختا كەسپىي ئىقتىدارى بىلەن كەنت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

2017 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، جاينار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. شۇ چاغدا، نوغايتى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئاجىز بولۇپ، پۇقرالار نەچچە مو ئۈنۈمسىز يەرنى تېرىپ، يىل بويى ئېتىزدىن كەلمەي ئىشلىسىمۇ، ھېچقانچە پۇل يىغالمايتتى. جاينار بۇلارنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلداپ، كۆڭلىدە چوقۇم تىرىشىپ چىقىش يولى تېپىپ، يۇرتداشلارنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، دەپ ئىرادە تىكلىدى.

پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولمىسا، ئىش قىلماق تەس، ئالدى بىلەن جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، جاينار بۇ قائىدىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، جاينار دائىم باشقا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىرىدىن ئۆگەندى. ئۇ كەنتتىكى ياشلار، بېيىش ماھىرلىرىنى پارتىيەگە كىرىشنى پائال ئىلتىماس قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 2017 ـ يىلىدىكى 25تىن تەرەققىي قىلىپ 40قا يەتتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 33 ياش بولدى.

2022 ـ يىلى، كەنتتە يەنە زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇلدى، ھازىرغىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى ھەم زىددىيەت ـ ماجىرادىن 83ى ھەل قىلىندى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 480 قېتىمدىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەندى.

«ھازىر، بىز تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ يوچۇقلارنى ئېتىۋاتىمىز، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن ـ ئاخىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش تايانچىسىغا ئايلاندۇرۇلدى» دېدى جاينار ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

ئىشىك ئالدىدىكى مەنزىرىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش

كەنتتە ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى گۇلشان قۇسمان دائىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى يىل بويى ناتونۇش كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان كىچىك كەنتكە ھازىر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى، كىچىكىدىنلا كەنت بېشىدا قامچا تۇتۇپ چارۋا باقىدىغان يىگىتنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم».

نوغايتى كەنتى جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تۆت موغىمۇ يەتمەيدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور ئەمەس، قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟

جاينار دائىم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىلەن مۇزاكىرىلىشەتتى، شۇنداقلا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ئەتراپتىكى ئىلغار كەنتلەرگە بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنەتتى. ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ۋە ئائىلىۋى مېھمانخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ كۆڭلىدە: «باشقىلار كەنتىنىڭ مەنزىرىسىگە تايىنىپ پۇل تېپىپتۇ، بىزمۇ شۇنداق قىلىپ پۇل تاپساق بولامدۇ نېمە؟» دەپ ئويلىدى.

نوغايتى كەنتى ئالتاي شەھەر رايونىدىن تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، دادۇڭگوۋ مەنزىرە رايونى ۋە شياۋدۇڭگوۋ مەنزىرە رايونىغا ناھايىتى يېقىن، قىران دەرياسى كەنتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قولايلىق قاتناش ۋە گۈزەل تەبىئىي مۇھىت كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

«شەھەرلىكلەر مەخسۇس ماشىنا ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟» «قىشتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇس تۇرسا، راستتىنلا كېلىپ ئوينايدىغانلار چىقارمۇ؟» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىككىلىنىشلىرى ئالدىدا، جاينار كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ نۇرغۇن چارىنى ئويلاپ تاپتى: بىكار تۇرغان دېھقان ئۆيلىرىنى جانلاندۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ يېزا ـ كەنت ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «ساياھەت + ئائىلىۋى مېھمانخانا»نى دائىرە بويىچە تۇتاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس يېزا ـ كەنت ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش...

ئالتاي شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، كىچىك دائىرىلىك ساياھەت، زاكازلىق ساياھەت تەدرىجىي ھالدا ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ساياھەت شەكلىگە ئايلاندى. 2022 ـ يىلى، نوغايتى كەنتى قوشنا كەنت بىلەن بىرلىكتە لاستى يېزىسىدا ئات ئۆتىڭى قۇردى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال يېتەكلەپ، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، بۇنىڭ بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر 60 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى لاستى يېزىسىدىكى ئات ئۆتىڭىگە ئەزا بولدى.

دەسلەپتىكى كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ ئات مىنىشتىن ھازىرقى زاكازلىق ساياھەتكىچە، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ بېيىدى، 2023 ـ يىلى بۇ كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 285 مىڭ 600 يۈەنگە، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 200 يۈەنگە يەتتى.

كەنت ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈش

نوغايتى كەنتىدىكى ئىللىقلىققا تولغان دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە، كەنت ئاھالىسى ماۋ جىنفا يۇرتداشلار بىلەن بىللە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى كۆرۈۋاتاتتى. «بۇ يەر بەك ئىللىق، كىتابلارمۇ تولۇق، بىز بىكار بولساقلا بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب كۆرۈپ پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز» دېدى ماۋ جىنفا.

كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىلتىماس قىلىپ قۇرغان دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى ئازادە، يورۇق بولۇپ، يەنە راھەت ئۈستەل، ئورۇندۇقلار بار، كەنت كادىرلىرى تەييارلىغان قايناق سۇنى خالىغان ۋاقىتتا ئىچكىلى بولىدۇ.

جاينار مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەنت ئاھالىلىرىنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش».

ھەر كۈنى سەھەر تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن، كەنتتىكى ياردەمچى باشقۇرغۇچى بۇجيا سۈپۈرگە، گۈرجەكلەرنى ئېلىپ، ئەخلەت ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، كەنت بېشىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك تازىلىق خىزمىتىنى باشلايدۇ.

بۇجيانىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ جان بار بولۇپ، ئېرى كېسەل بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، قىزى داشۆدە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، جاينار ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. كەنت كادىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىش ئارقىلىق، بۇلتۇر 3 ـ ئايدا، بۇجيا كەنتنىڭ ياردەمچى باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«جاينار شۇجى بىزگە ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئائىلىمىزدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ ئامال قىلىپ ياردەم قىلىدۇ، مەن بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمايمەن» دېدى بۇجيا.

جاينار ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭگۈشتەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. بۇ يىللاردا، ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى يول ياساش، دەريا يوللىرىنى تازىلاش، قورۇق تاملارنى يېڭىلاش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياساشقا يېتەكلىدى... نوغايتى كەنتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلدى، كەنتتە ئىستىراھەت مەيدانى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلدى.

نوغايتى كەنتى يەنە «ئەخلاق جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى»گە بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت ئوبرازى بەرپا قىلىش بويىچە «بەشنى تازىلاش، ئىككىنى تۈزەش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تازىلىقنى باھالاش، كۆچمە قىزىل بايراق، جۇغلانما نومۇرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ كەنت مۇھىتىنى تۈزەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە كەنت يوللىرى پاكىز، رەتلىك بولدى، ياز كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرى ھويلىسىغا يەنە گۈل ـ گىياھ ۋە كۆكتات تېرىيدۇ.

«مەن يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئۇسۇللارنى تاپىمەن» دېدى جاينار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.