ۋەكىل ما يانەن:
تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ياخشى تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ سىيىر دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزىنىڭ مەسئۇل مال دوختۇرى ما يانەن باقمىچى تيەن خېڭشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاڭلىغاچ تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى.
گەرچە باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ما يانەن ئاللىبۇرۇن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇ سانجى ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىق مەيدانلىرى ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەپ، قۇرۇلتايغا ئېلىپ بارىدىغان تەۋسىيەلەرنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ پىكرىنى توپلىدى. «بۇ كۈنلەردە، ئاساسىي قاتلامدا توپلىغان قىممەتلىك پىكىرلەر مېنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى تەييارلىشىمدىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ قالىدۇ» دېدى ئۇ.
بۇلتۇر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ما يانەن شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى، شىنجاڭنى گۆش كالىسى باقمىچىلىقىدا مىقدارنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى سۇندى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا كېيىنكى سىياسەت تۈزۈشتە گەۋدىلەندى − 2023 - يىلى، مەركەز مالىيەسى شىمالدىكى 12 ئۆلكىدە ئاساسىي سىيىر توپىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭنى سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.
«ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە ئارزۇسىنى كونكرېت سىياسەت ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدا ئاز - تولا كۈچۈمنى چىقىرالىغانلىقىمدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم» دېدى ما يانەن.
ئۆتكەن بىر يىلدا، ما يانەن ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ساھەسىدە چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. «ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى پىكىر يولۇمنى كېڭەيتتى، بۇنىڭ كۆپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. پەقەت تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن تەۋسىيەلىرىمنىڭ خەلق رايىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈشىگە، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمەن» دېدى ما يانەن.
يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئېنېرگىيە، قاتناش، رەقەملەشتۈرۈش... ھازىر ما يانەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كەڭ ساھەگە كېڭەيدى. «بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەن بەش پارچە تەۋسىيە تاپشۇرۇشنى پىلانلىدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەۋسىيەلەر شىنجاڭدا چارۋىچىلىق باقمىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكىنى تىزىملاش ۋە رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، ما يانەن ئېتىز باشلىرى، يېزىلاردا چېپىپ يۈردى، سومكىسىغا قاچىلانغىنى كادىرلار، ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئۈمىدى ئىدى، «تەۋسىيەلىرىمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».