تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى​

گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 536 تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىر (تۆۋەندە ۋەكىللەر تەۋسىيەسى دېيىلدى) قانۇن بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى، بۇ يىللىق ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا بېجىرىشكە تاپشۇردى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان ۋەكىللەر تەۋسىيەسىدىن 14نى بېكىتتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ۋەكىللەرنىڭ ھەربىر پارچە تەۋسىيەسىنى ياخشى بېجىرىپ، تىرىشىپ ۋەكىللەرنىڭ قىممىتى بار، يۇقىرى سۈپەتلىك تەۋسىيەسىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسەت - تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ياردەمچى كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمە ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىشنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بالدۇر پىلانلاپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، ۋەكىللەرنىڭ بۇ يىللىق تەۋسىيەلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى بېجىرىشى كېرەك. ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنچىكە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېڭىشىپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بېجىرىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ راۋان، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە بېجىرىپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆز قىلدى، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.