تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتداشلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن

ۋەكىل پاڭ زىجيەن:

يۇرتداشلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

مەركەزنىڭ 2024 - يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى باغئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پاڭ زىجيەن ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. «ھۆججەتتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك ۋە يېتەكچىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېزىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

2014 - يىلى، پاڭ زىجيەن داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەندۇڭدىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. 10 يىلدا، ئىش ئورنىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما پاڭ زىجيەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئىزچىل بىللە كۈرەش قىلدى.

«مەن خەلق سايلاپ چىققان ۋەكىل، چوقۇم خەلق ئۈچۈن ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.» پاڭ زىجيەننىڭ قارىشىچە، ئاساسىي قاتلام بىر چوڭ سەھنە بولۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش جەريانىدا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تېخىمۇ كەڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بوشلۇقىغا ئىگە بولغاچقا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئاممىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن.

باغئاۋات يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بولۇپ، نۇرغۇن يەرلىرى شورلۇق ئىدى. يۇرتداشلار بىر يىل جاپالىق ئىشلەپ ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى. پاڭ زىجيەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تېرىقچىلىق ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھوسۇلى تېخىمۇ يۇقىرى، شورغا تېخىمۇ چىداملىق بۇغداي يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بايقىدى. ئەمما يۇرتداشلار كونا ئۇرۇق سورتىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغاچقا، كونا ئۇسۇلغا ئادەتلىنىپ قالغاچقا، ھېچكىم يېڭى سورتنى سىناپ بېقىشنى خالىمىدى.

پاڭ زىجيەن ۋاز كەچمەي، ۋاقتى بولسىلا ئېتىز بېشىغا بېرىپ، دېھقانلارغا بۇغداينىڭ يېڭى سورتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈردى. دېھقان مەمەتزۇنۇن ئوسمان باشلامچىلىق بىلەن 100 مو يەرگە سىناق قىلىپ تېرىشنى قارار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن يېڭى سورتلۇق بۇغداينىڭ «بويى» ئەسلىدىكى بۇغداينىڭكىدىن ئېگىز بولۇپلا قالماي، ھوسۇلىمۇ ئەسلىدىكىدىن كۆپ ئاشتى.

پاڭ زىجيەن يۇرتداشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، ھازىر يېڭى سورت بارلىقىنى ئاڭلىسىلا كۆپچىلىك تالىشىپ تېرىيدىغان بولدى.

پاڭ زىجيەننىڭ تۈرتكىسىدە، باغئاۋات يېزىسى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان 1000 مولۇق ئاشلىق، پاختا سورتى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، «يۈز مو يەردە تەجرىبە قىلىش، مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ مو يەردە ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا كەسىپ باغچىسى بەرپا قىلدى ھەم شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك كىلىماتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق كېۋەز يېڭى سورتى ۋە ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان، سۇ تېجەيدىغان، شورغا چىداملىق شالغۇت بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ چىقتى. «جىڭمەي 189»نىڭ ھەر موسىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كىرىم 500 يۈەنگە يېتىپ، يۇرتداشلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

يېڭى سورت ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزگەندىن باشقا، پاڭ زىجيەن دېھقانلار كەچلىك مەكتىپى، مەدەنىيەت كارىدورى، توردا ئۆگىنىش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، يۇرتداشلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«خىزمەتتە جاپا - مۇشەققەتمۇ، ھېرىپ - چارچاشمۇ بار، لېكىن ئاممىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرسەم، ئەرزىيدۇ دەپ ھېس قىلىمەن.» پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پەقەت ئامما بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولغاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ. 2023 - يىلى، مەن چوڭقۇر زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، چارۋا باقمىچىلىقى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئون نەچچە پىكىر - تەكلىپنى يىغىپ رەتلەپ، ئالاقىدار تارماقلارغا سۇندۇم.

«بۇ يىل مەن تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە تەكلىپ بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىمەن.» پاڭ زىجيەن مۇنداق دېدى: ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق يۇرتداشلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.