تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى «مۇھاپىزەتچىسى» بولىمەن

ئەزا مېڭ چىڭسەي:

​ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى «مۇھاپىزەتچىسى» بولىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

«بۇ يىل مەن بەش تۈرلۈك تەۋسىيە تەييارلىدىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۈر تېببىي دورا - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك.» 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي خىزمەت قىلغاندىن سىرت، بوش ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇنىدىغان تەۋسىيەلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈردى.

تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، مېڭ چىڭسەي كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىسىنى تەبىئىيلا داۋالاش ساھەسىگە قاراتتى. بۇلتۇر 3 - ئايدا، ئۇ «تەنتەربىيە بىلەن سەھىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، <ساغلام جۇڭگو> قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيە» «دوختۇرخانا سىرتىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى ۋە ماھارىتىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە» «زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيە» قاتارلىق بەش تەۋسىيەنى ئېلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشتى.

ئالاقىدار تەۋسىيەلەرنى سۇنغاندىن كېيىن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ئالاقىدار ئىشلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. «ئۇلار كۆپ قېتىم مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېنىڭ كۆز قارىشىم ۋە پىكرىمنى ئاڭلاپ ئۆتتى» دېدى مېڭ چىڭسەي.

مېڭ چىڭسەي سىياسىي كېڭەش ئەزاسىدىن ئىبارەت بۇ سالاھىيىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ھەمىشە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

بۇلتۇر بىر يىلدا، مېڭ چىڭسەي پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېببىي دورا - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ساغلام، قېلىپلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ يەنە ئەزالار مۇنبىرى، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، كارخانا، يېزا، كەنت، مەھەللە، ئورگانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل يېزىپ، ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساداسىنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئىزچىل تۈردە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ياخشى «مۇھاپىزەتچىسى» بولۇشنى ئۆز ۋەزىپەم دەپ بىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى تېخىمۇ ئىللىق بولغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن.

ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش ئۈچۈن، مېڭ چىڭسەي يەنە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن بۇ سادالارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا تەۋسىيە سۇنۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ سادالار ھەربىر پارچە تەۋسىيەگە مۇجەسسەملەندى.

مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: مەن ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «كۆۋرۈك»لۈك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئارزۇسى ۋە ساداسىنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىمەن. مەن كەلگۈسىدە ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى، پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان داۋالاش ساھەسىدىن باشقا، مېڭ چىڭسەي يەنە خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت باشقا ساھەلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل توپلاپ، تۈرلۈك تەۋسىيەلەرنى يىغدى، بۇلتۇر يەنە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەۋسىيەنىڭ كۆپ بولۇشىنى قوغلاشمايمەن، لېكىن چوڭقۇر، ئەمەلىي، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك.» بۇ، مېڭ چىڭسەينىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۈكسەك كەسىپنى قەدىرلەش روھى بىلەن، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ساغلاملىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ «كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش»تىن «خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىش»قا قاراپ ئۆزگىرىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.