تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۆلىتىمىزدىكى مەنزىرە رايونلىرى بويىچە قىزغىنلىق رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان مەنزىرە رايونى! تېز كېلىپ دىلرابا تەۋسىيە قىلغان قەشقەر مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىڭ

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ

«2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»

شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ

قەشقەر پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى

ھەم تېزلا داڭق چىقاردى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ كېچە مەنزىرىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

تېڭشۈننىڭ ئورۇن چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىر تىزىملىك رەتلەپ چىقتى

قەدىمىي شەھەر\قەدىمىي بازار قىزغىنلىقى رەت تەرتىپى تىزىملىكىدە

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە ئارقا - ئارقىدىن كەلدى

قەشقەر ۋىلايىتى جەمئىي 1 مىليون 904 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 566 مىليون يۈەن بولدى

  تۇڭچېڭ سەپەر سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە

  2 - ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتىن 2- ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى بولغان

  شىئەن، قەشقەر، چاڭشا، شېنياڭ ساياھىتىنىڭ

توردا ئىزدەش قىزغىنلىقى

ھەممىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېىشىش بولغان

  بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ توردا ئىزدەش قىزغىنلىقى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %270 ئېشىپ

  شىئەننىڭ %294تىن كېيىنكىلا ئورۇندا تۇرغان

باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

قەشقەر كىشىنى قانچىلىك جەلپ قىلىدۇ؟

دىلرابامۇ قەشقەر مەززىلىك تائاملىرىنى تەۋسىيە قىلدى

كىشىنىڭ ئېغىزىغا ئىختىيارسىز سېرىق سۇ كېلىدۇ

«شىنجاڭدا مەززىلىك تائاملار بەك كۆپ ئىكەن!

جىق يەۋاپ، ئۆيگە قايتقان بۇ بىر نەچچە كۈندە تاماق يېيەلمەيلا قالدۇق!»

يۇرتىنىڭ مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئالىنغاندا

تەۋسىيە قىلغۇچى دىلرابا مۇنداق دېدى

  قەشقەرگە كەلسىڭىز

  ئۆزىڭىزنى خۇددى مەززىلىك تائاملار دېڭىزىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز

  ھېچكىم بۇ يەردىن مەززىلىك تائامغا ئېغىز تەگكۈزمەي تۇرۇپ كەتمەيدۇ

  قېنى، دىلرابانىڭ

  كۆپچىلىككە قەشقەرنىڭ قايسى مەززىلىك تائاملىرىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى

چەينەك شورپىسى

چەينەك شورپىسى بولسا قەشقەرنىڭ خاس تائامى

ناھايىتى كۆپ ماتېرىيال ئىشلىتىلىدۇ

ھەر بىر چەينەك شورپىسىغا بىر پارچە ئەلا سۈپەتلىك قوي قوۋۇرغىسى

يەنە بىر نەچچە تال قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان، نوقۇت ۋە ئالقات

يالپاقلانغان ئىككى - ئۈچ پارچە سەۋزە قاتارلىق كۆپ خىل قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرى سېلىنىدۇ

ئوزۇقلۇق قىممىتى مول

مەنبە: شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش

قوي گۆشى يۇمشاق پىشقان، سەۋزە ئېغىزغا كىرسىلا ئېرىپ كېتىدۇ

شورپىنىڭ تەمى تولىمۇ مەززىلىك

يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە، شۇنداقلا  تەملەر بىر - بىرىگە سىڭگەن

گۆشى تەملىك، شورپىسى مەززىلىك

قىش پەسلىدە قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشتا ئالدىن تاللايدىغان تائام

شۇنداقلا قەشقەرنىڭ خاس ناشتىلىقى

نان

ئۈچ كۈن سەي بولمىسا بولىدۇكى، بىر كۈن نان بولمىسا بولمايدۇ

شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدە

نان يېمەكلىك بولۇپلا قالماي

ئۇ يەنە تارىخ، شۇنداقلا مەدەنىيەت بەلگىسى

شەكلى ھەر خىل بولۇشتىن باشقا

ناننىڭ تەمىمۇ كۆپ خىل

تاتلىق نان، ياغ نان، گۆش نان،

كۈنجۈت نان، گۈلقەنت نان، لازا نان،

بادام نان، قاتلىما نان،

قۇرۇق ئۈزۈم نېنى، مېغىز نان قاتارلىق

سامسا

قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە سامسىخانا بار

سامسىلارنىڭ تەمى بىر - بىرىدىن ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي

چۈرۈك خېمىرى، جىققىدە سېلىنغان گۆش قىيمىسى 

مول تەمى كىشىگە چەكسىز لەززەت بېغىشلايدۇ

داپەنجى

داپەنجىمۇ ئوخشاشلا خاس تائاملارنىڭ بىرى

چوڭ - چوڭ توغرالغان توخۇ گۆشى، خېمىرى چىڭ يۇغۇرۇلغان چۆپلىرى، يۇمشاق پىشقان ياڭيۇسى

تېتىپلا قالسىڭىز ھەرگىز توختىيالمايسىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى سىنىدىن كېسىپ ئېلىندى

پولۇ

ئوخشىغان پولۇنىڭ سەل - پەل تاتلىق تەمى بار

بۇنىڭ سىرى يەرلىك سەۋزە بىلەن پىياز قوشۇلغانلىقىدا

قەشقەر يۇمىلاق گۈرۈچىنىڭ سۈپىتى

يۇمشاق يېپىشقاق كېلىدۇ

سۇ بىلەن گۈرۈچنىڭ نىسبىتى ياخشى تەڭشەلسە

پولۇ ئوخشايدۇ

«داكا قىلىڭلار! ھەرىكەتكە ئۆتكۈچىلەر»نىڭ سىنىدىن كېسىپ ئېلىندى

قەشقەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ تەمىدە

 قىزغىنلىق ۋە قويۇق تۈس بار 

دىلرابا تەۋسىيە قىلغاندىن باشقا

قەشقەردە يەنە

يۇمشاق پىشقان قوي پاچىقى

مۇزدەك، تەملىك قېتىق زۇڭزىسى

ئۆزگىچە تەمدە قاقلانغان تۇخۇم

زىرە، لازا سېپىلگەن كاۋاپ

ئاچچىق - چۈچۈك لەڭپۇڭ بار

ئىچىشلىك ھەم چىرايلىق قىزىلگۈل كەپتەر شورپىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى فوتوسى

يەنە تونۇر كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى، تاۋا كاۋاپ

قوي گۆشى دۈملىمىسى، پېتىر مانتا، ئۆپكە،

ھېسىپ، جياۋماجى، لازىجى

يەنە ساڭزا، يۇتازا، ئەتكەن چاي

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل مېۋىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرمۇ بار

  ...

سۈرەتنى قەشقەر نۆل ئارىلىق تەمىنلىگەن

يەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

زادىلا يەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

2023 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

دەرھال قەشقەرگە كېلىپ ئويناپ كېتىڭ

بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىڭ

يەنە ساياھەت سۈرىتىگە چۈشكەندە، دىلراباغا ئوخشاش سۈرەتلەرگە چۈشۈۋېلىڭ

بىز سىزنى ساقلايمىز

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.