تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار بايرىمىنى تۇغقىنىم بىلەن بىللە خۇشال ئۆتكۈزدۈم

   كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن گۈزەل جۇڭگو يىلىنى تەبرىكلىدى.

   گۈزەل جۇڭگو يىلىدا جەم بولۇش ۋە ئىناقلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مول باھار بايرىمىلىق تاماق يەپ، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ جەم بولۇش كەيپىياتى نامايان بولدى. كوچا-مەھەللە، دېھقانلار ھويلىسىدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تەك چىن ھېسسىيات سەھىپىسىنى ئورتاق يازدى. 

...

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داۋەن كوچا باشقارمىسى يەنخۇا مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ۋېنجيې تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارنى يوقلىدى.

لى لىن فوتوسى

IMG_20240209_173116

2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2-ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شا جېڭچۇن (ئوڭدا) شوپۇرلار بىلەن بىللە باھار بايرىمىلىق تاماق يېمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شيامىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دۇڭچىڭ بازىرىدا «ئىللىق باھار بايرىمى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كاتتا بايرام باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇڭئەن ئىدارىسى شىمىگۇ تارماق ئىدارىسى شىنشىڭجيې ساقچىخانىسى شىندادى مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى پاشاگۈل ياڭ جىنپىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي فوتوسى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېزا ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئامما بىلەن بىللە باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىكى كادىرلار بۇ ناھىيەنىڭ يامانسۇ قىرغىز يېزىسى ئايدىڭ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، جەم بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى.

ئابلىكىم ئابلا فوتوسى

   خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ھال-ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىگە رىشتە باغلاش. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قەھرىتان سوغۇق بولغان ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىدا، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان شەھەر-بازار، يېزا-كەنتلەردە، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كارخانىلار، ئىس-تۈتەككە تولغان چوڭ-كىچىك كوچىلاردا... گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ بەخت تىلىدى، ھال-ئەھۋالىنى سورىدى، پاراڭلاشتى، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدى، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. 

   «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ئەلرايىنى بىلىپ، ئەل قەلبنى ئىللىتىش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتە، كۆپچىلىك بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئامما ئويلىغان، ئېھتىياجلىق بولغان، ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تۇرمۇش، ھېسسىيات جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىدى.

يەتكۈزۈلگەن ماددىي ئەشيالار، ھال-ئەھۋال سوراش، بەخت تىلەش بىر خىل ئىللىق ئېقىمغا ئايلىنىپ، خۇددى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇدەك ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى.

(شيې تيەن)

باھار بايرىمىنىڭ 4-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىنىڭ ھەممە يېرى بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى، شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بەشتۆپە يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فاڭ شىجىن بەشتۆپە يېڭى كەنتىگە بېرىپ، بىر مەيدان ئائىلىلەر بىرلەشمە ئائىلە يىغىنىغا قاتنىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە، ئائىلە يىغىنىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇ شۆلى فوتوسى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فاڭ شىجىن بەشتۆپە يېڭى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنبېك جۇمانىڭ ئۆيىدە زىيارەتت بولدى.

ئانار بۇلۇت \ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇ شۆلى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.