تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۈگۈن ماي باھاسى تەڭشەلمەيدۇ

  2- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 24تە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى يەنە ئېچىلىدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش مەزگىلىدە (1- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە) خەلقئارادا ماي باھاسى داۋالغۇپ تۇرغان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن لوندون برېنت، نيۇيورك WTI نېفىت باھاسى ئالدىنقى قېتىملىق باھا تەڭشەش مەزگىلىدىكىدىن %0.21 ئۆسكەن.

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھا مېخانىزمى بويىچە ھېسابلىغاندا، تەڭشەلگەن باھا سوممىسى ھەر توننىسىنىڭ 50 يۈەنگە يەتمىسە، بۇ قېتىم بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى تەڭشەلمەيدۇ، تەڭشەلمىگەن سومما كېيىنكى قېتىملىق باھا تەڭشەشتە جۇغلىنىدۇ ياكى توغرىلاپ كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.