تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇرتداشلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يېتەكلەيمەن

ۋەكىل مۇساجان غەيرەت:

​يۇرتداشلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يېتەكلەيمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئاز قالدى، قەلبىم خۇشاللىق ۋە ھاياجانغا تولدى، نۇرغۇن سۆزلەرنى يىغىنغا ئېلىپ بارغۇم بار، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئەڭ يېڭى روھىنى يۇرتداشلارغا يەتكۈزىمەن.» 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كۈنەس ناھىيەسى شوربۇلاق بازىرى كېرىگە تاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇساجان غەيرەت مۇنداق دېدى: مەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە يەنىلا قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.

بۇلتۇر، مۇساجان غەيرەت مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىدىن 20 نەچچە مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ، يۇرتداشلار بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۆپچىلىككە بىر - بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

«بۇلتۇر ئاشلىقنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، باھاسىمۇ ياخشى بولدى، بازىرىمىزدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى.» مۇساجان غەيرەت مۇخبىرغا: ئۆزى تېرىغان 60 مو يەردىن تەخمىنەن 70 - 80 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، رېمونتخانىسىدىنمۇ 50 - 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىمۇ بارغانسېرى گۈزەللەشتى. مۇساجان غەيرەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنتتە يۇندى تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، مۇھىت قوغداش ئىدىيەسىمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈلدى.

مۇساجان غەيرەتنىڭمۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى بار − بۇلتۇر بازار باھاسىدىكى داۋالغۇشنىڭ تەسىرىدە، باقمىچىلىق كىرىمى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولدى. ئۇ ئىشنى قوي - كالا ئەلا نەسىللىرىنى كىرگۈزۈشتىن باشلاپ، بازارغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىك كالا بېقىشقا ئادەتلەنگەن، مېنىڭچە ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشلا چىقىش يولى. بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناق قىلىپ، يۇرتداشلارنى باقمىچىلىقتا پەن - تېخنىكا سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئۇ.

مۇساجان غەيرەتنىڭ ئۆيىدىكى مەدەنىيەت ھويلىسى ھەر كۈنى ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ، يۇرتداشلار بۇ يەرگە كېلىپ مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈشى، بېيىش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى، سىرتتىكى مول، رەڭدار دۇنيانى سۈرەتلەپ بېرىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مۇساجان غەيرەت كۆپ قېتىم ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپلا قالماي، يەنە جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.

«ئالدىنقى ئايدا نىلقا، كۈيتۈن، قورغاس، قاراماي قاتارلىق جايلارغا باردىم، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، قايتىپ كېلىپلا تەقەززالىق ئىلكىدە يۇرتداشلىرىم بىلەن ھەمبەھرىلەندىم. نىلقا ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سالمون بېلىقى باقىدىغان بېلىقچىغا ئايلانغانلىقىنى، كىرىمىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك ناھايىتى قىزىقىپ توختىماي سوئال سورىدى» دېدى مۇساجان غەيرەت.

مۇساجان غەيرەت بەزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەر ئوبوروتى ئارقىلىق بىنەم يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، يۇرتداشلار تېخىمۇ قىزىقىپ: «تېمىتىپ سۇغىرىپ نېمە تېرىيدۇ؟» «يەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن دېھقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سوراشتى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دېھقانلار يەر ئوبوروت كىرىمىدىن باشقا، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ پۇل تاپالايدۇ، تېمىتىپ سۇغارغاندا مۇقىم، ئىشەنچلىك سۇغىرىش سۈيى بار بولىدۇ، نېمە تېرىغۇسى كەلسە شۇنى تېرىسا بولىدۇ».

مۇساجان غەيرەت ئىزچىل يۇرتداشلارغا مۇنداق ئىدىيەنى يەتكۈزۈپ كەلدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بار، پەقەت تىرىشىپ ياخشى ئىشلىسەكلا، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ.

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇساجان غەيرەت يەنە كۆپچىلىك يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى پائال ھەل قىلىپ كەلدى. كەنتتىكى چوڭ بىر پارچە قوناقلىققا بارىدىغان يول يوق ئىدى، سۇغارغاندىن كېيىن مېڭىش ناھايىتى تەسكە توختايتتى. بۇلتۇر، ئۇنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن كەنت بىر كىلومېتىرغا يېقىن شېغىل يول ياسىدى، يەنە ئاددىي كۆۋرۈك سالدى.

«بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقىنىمدا، ئىككى تەۋسىيە بېرىشنى ئويلاشتىم، بىرى يولنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك، يەنە بىرى سۇلۇق يەرنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك. مەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپلا قالماي، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مۇساجان غەيرەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.