تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

باھار بايرىمىنى تۈگىتىپ قايتىشتىن بۇرۇن، چوڭلار ئۈچۈن يەنە بۇ ئىشنى قىلىپ بېرىڭ!

    ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سالاھىيەت دەلىللىشىدە مۇنداق مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇن جايدا 2024-يىللىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلغان. ياشانغانلار دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى تور بېكىتى ياكى «ئالقاندىكى 12333» قاتارلىق يان تېلېفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئادەم يۈزىنى تونۇتۇپ دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ چېگرا سىرتىدا ئولتۇراقلاشقانلار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «جۇڭگو كونسۇلى» يان تېلېفون تېرمىنالى ئارقىلىق سالاھىيەت دەلىللەشنى تاماملىسا بولىدۇ؛ چوڭ ياشتىكى ياشانغانلار ۋە ھەرىكىتى قولايسىز ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئۆيىگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

    بىر قىسىم ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىپ سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى بىلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يان تېلېفون تېرمىنالىنىڭ «باشقىلار ۋاكالىتەن مەشغۇلات قىلىش» ئىقتىدارىنى ئاچقان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىدە ياشانغانلارغا ياردەم قىلىپ دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىگە مەركەزلىك ئىسپات بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەم ئۇچۇر سېلىشتۇرۇشنى ئاساس قىلدى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ۋە يىراق مۇساپىلىك ئاپتوماتىك ئىسپات بېرىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىسپات بېرىش يېڭى مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى.

   يېقىنقى مەزگىلدە ۋاقى چىقمىسا ياكى ۋاقتىنچە دەلىللەشكە ئامالسىز قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سالاھىيىتىنى دەلىللەشنىڭ مۇقىم ۋاقتى يوق ئىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئالدىنقى قېتىم دەلىللەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى 12 تەبىئىي ئاي ئىچىدە ۋاقىتنى خالىغانچە تاللاپ دەلىللەش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.