تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭلىقلار ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى

    باھار بايرىمى ھەممە ئائىلە جەم بولىدىغان مەزگىل، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىمۇ ساياھەت قىلىشنىڭ تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسىتى. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ يەنە بىر قېتىملىق ساياھەتچىلەر دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، قىش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، قار ـ مۇز ئويۇنلىرىنى ئويناش، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتىدىن بەھرىلىنىش... شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى «باھار بايرىمى مەزگىلى»دە قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

    2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەت قىزغىن دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن ساياھەتچى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش، قارلىق دالىدا موتوسىكلىت ھەيدەش، قار تېيىلىش چەمبىرىكىدە تېيىلىپ ئويناش قاتارلىق تۈرلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، قار-مۇز دۇنياسىدا ئەركىن سەيلە قىلىپ، قار-مۇزنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1300 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

3

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنىنى كۆرمەكتە. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى كۆپلىگەن ئۆزگىچە قار-مۇز تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى قار-مۇز جەلپكارلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇردى.

خۇاڭ شۇاڭفېي فوتوسى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى دەۋر مەيدانىدىكى «كىتاب بار بوشلۇق»تىن كىتاب سېتىۋالماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى دېخۇي ۋەندا مەيدانىدا يامىشىش ئويۇنىنى ھېس قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىشىڭشۆ . پوسكام ئالتۇن توغراق قار تېيىلىش مەيدانىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەر ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ جايدا قار-مۇز تەنھەرىكىتى خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

ۋاڭ خۇاشيەن فوتوسى

    2-ئاينىڭ 10-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بىلەن شۇ جايدىكى ئامما گۈلخان كېچىلىكىدە بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا «قار شەھىرىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە خۇشال-خۇرام تەبرىكلەش» قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى شادلىق كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئۇلان قادىكېن فوتوسى

2-ئاينىڭ 12-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى غۇلجا شەھىرى كۇەيلېشىڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. شۇ كۈنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ 3-كۈنى بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى داۋامىدا باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

    جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك خەلق ئۆرپ-ئادىتى پائالىيەتلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەمەلىيىتى بۇ ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىدا مەركەزلىك، مول نامايان قىلىندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى باھار بايرىمىلىق سەھنىلەردە، چاۋشەن يىڭگې، لىڭنەندىكى ئويغانغان شىر، چىنخۇەي پانۇس سەيلىسى ۋە سەنەم، قاراجورغا، نادام يىغىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قويۇق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كەيپىياتى ئىچىدە ئېسىل، گۈزەل جۇڭگو باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنىنىڭ خېپەن بازىرىدا يېڭى يىللىق ساليۇت ئويۇنىنى كۆرمەكتە، قالتىس كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى كىشىلەرگە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى بېغىشلىدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك باھار بايرىمىلىق مەدەنىيەت بۇتخانا سەيلىسىدە ئەلنەغمە تىياتىرىنى كۆردى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

    باھار بايرىمىدا، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر جەم بولغان پەيتتە، نۇرغۇن كىشى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنى تاللاپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە تىنچ-ئامانلىقنى قوغدىدى، دوختۇرخانىلاردا ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى، چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، جەم بولۇش يولىنى قوغداشقا ئىللىقلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدى... بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇلار چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزاھلاپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق چىراغلار چاقناپ تۇرغان تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى قوغداپ، باھار بايرىمىدىكى ئەڭ گۈزەل كۆرۈنۈش بولۇپ قالدى.

2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بارىدىغان K9786 قېتىملىق پويىزدا، پويىز باشلىقى شاۋ جىڭجىڭ (ئوتتۇرىدا) يولۇچىلارغا بەخت تىلىمەكتە.

شيې ۋېن فوتوسى

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز 7 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.87 ئاشتى

    گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-تەرەپنىڭ ساياھەت ئىستاتىستىكا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بولغان باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 7 مىليون 217 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.87 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 7 مىليارد 385 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85.85 ئاشقان.

    قار-مۇز ساياھىتى قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ-ئادىتى، تەنتەربىيە، مۇزىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل ھەم كەسىپ ھالىتىنى پائال يۇغۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېسىل قار-مۇز ساياھىتىدە باشلامچى بولدى. جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەمئىي 89 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.24 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 12 مىليون 543 مىڭ 200 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.38 ئاشقان؛ جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى جەمئىي 22 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.92 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 8 مىليون 352 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %106.64 ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى S دەرىجىلىك ئالتە قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىي 74 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

    قار-مۇز پائالىيەتلىرى مول، رەڭدار بولدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا «قار-مۇزدىكى گۈزەل مەنزىرە، جەلپكار ئىلى» تېمىسىدىكى قىش پەسىللىك ئون چوڭ يارقىن نۇقتا مەھسۇلاتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى قايدۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدا باھار بايرىمىلىق دۆلەت مودا ئېقىم ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى، ساليۇت كۆرگەزمىسى، مىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ نومۇر ئورۇنلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، باغراش ناھىيەسىنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ قاراماي، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا قىزىقارلىق قار - مۇز ساياھىتى، كىچىك يىل بازار سەيلىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىندى. 

    بايراملىق پائالىيەتلەردە باھار بايرىمى تۈسى قويۇق بولدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 1219 مەيدان قېتىم ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 1 مىليون 435 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛ توردا ۋە تور سىرتىدا 169 مەيدان قېتىم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 290 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

    بىر مەيدان كېچىلىك بىر شەھەرنىڭ داڭقىنى چىقاردى. مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى تۇنجى قېتىم قەشقەرگە ماكانلىشىپ، قەشقەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇردى؛ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدان سەھنىسى باھار بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، داكا قىلىدىغان قىزىق جاي بولۇپ قالدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قەشقەرنىڭ توردا ئىزدەش قىزغىنلىقى ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا %270 ئاشتى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 351 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1456 ئاشتى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 160 مىڭ 200 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %154.29 ئاشتى. 

    مەدەنىيەت يادىكارلىقى-مۇزېي مەيدان-سارايلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. «مەدەنىيەت يادىكارلىقى-مۇزېي مەيدان-سارايلىرىدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» باھار بايرىمىلىق يېڭى ئۆرپ-ئادەتكە، يېڭى مودىغا ئايلاندى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇزېي، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارايلىرى 641 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 3178 مەيدان ئۆتكۈزۈلۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا 3 مىليون 396 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىندى.

    كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىلىپ ئىستېمال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە «شىنجاڭ ساياھەت رەقەملىك كارتىسى» تارقىتىلىپ، ساياھەتچىلەر ساياھەتتە كىيىم- كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىشتا بىر پونكىت شەكىللىك ئېتىبار بېرىش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە باھادا ئېتىبار بېرىش مەخسۇس ھوقۇق-مەنپەئىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەندى؛ مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت-مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ھالقىلىرىدا، مېيتۇەن سۇپىسىدا ئېتىبار بېلىتى، قىزىل بولاق تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، ساياھەت ئىستېمالى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلغۇچىلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە 869 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى، بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ساياھەتچىلەر ئېقىمى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك 34 مېھمانسارايدا ئوتتۇرىچە قونۇش نىسبىتى %61كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.