تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئارتىسلار ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت - ساياھەت رايونىدا كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 2024 - يىللىق «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدىن «گۈللەنگەن باياشات دەۋر، شادلىق ئىلكىدە باھارنى كۈتۈۋېلىش» كوچا ئويۇنى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئونسۇ قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت - ساياھەت رايونىدا ئورۇنلاندى. □يەن شوۋلىن فوتوسى

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، يامغۇر تامچىسى لىمون خور ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار «تىيانشاندىكى ئەڭ گۈزەل گۈل» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا. شۇ كۈنى كەچتە، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان تىيانشان» تېمىسىدىكى ئۈرۈمچى 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان كاتتا كۆرۈش - ئاڭلاش مەرىكىسى تەقدىم قىلىندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جىنخۇا نيۇجيې كوچىسىدا گۈللۈك پانۇسلارنى تاماشا قىلىپ، قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. □ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، ئىشچى - خىزمەتچى ئامما شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شى 22 - تۇەنىنىڭ خېپەن بازىرىدا يېڭى يىللىق ساليۇت ئويۇنىنى كۆرمەكتە، قالتىس كۆرۈش سېزىمى كاتتا مەرىكىسى كىشىلەرگە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى بېغىشلىدى. □شيې جياڭلىن فوتوسى

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بىر ئانا بالىلىرى بىلەن سانجى خۇيجيا شىدەي مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى كىتاب ئوقۇش ئورنىدا كىتاب ئوقۇماقتا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى كىتابخانىلارغا بېرىپ، باھار بايرىمىنى قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئىچىدە خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. □تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى دېخۇي ۋەندا مەيدانىدا ئېگىزگە يامىشىش ئويۇنى ئويناپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشتىن خۇشال بەھرىلەندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇڭچېڭ بازىرى «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان باھار بايرىمى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگۈپ، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.