تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسى نېمە ئۈچۈن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە چىقالىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ مېڭمېڭ

2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى قالتىس نامايان بولۇپ، نۇر چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ سەھنە، ئېسىل نومۇرلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەيلى نەق مەيداندا بولسۇن ياكى تېلېۋىزور ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەر بولسۇن، شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى ئاساسىي سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسىدىكى كىچىك سەھنە ھەممەيلەننى جەلپ قىلدى.

بۇ ئۆگزىلەر نېمە ئۈچۈن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە چىقالىدى؟ ئۆگزىلەرنىڭ يەنە قانداق ھېكايىلىرى بار؟

ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۆگزىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىندى

كوئېنلۇن مۇنارىغا چىقىپ، مۇناردىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە نەزەر سالساق، ئېگىز ـ پەس، شەكلى ھەر خىل ئۆيلەر بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، غايەت زور سەپنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قىستاڭچىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە خاس ئىچكى لوگىكىغا ئىگە ئىدى.

«مەن نۇقتا تاللاش، پىلانلاش باسقۇچىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.» 1 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، باش ئىستانسىنىڭ 2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ باش رېژىسسورى چىن جېڭ مۇنداق دېدى: ئاشۇ پەيتتە بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ھەربىر ئۆگزىنىڭ دەل قەشقەردىكى ھازىرقى پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا يىللار داۋامىدا ئارقا ـ ئارقىدىن شانلىق مەدەنىيەت ياراتتى، قەدىمىي ئىمارەتلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان چاقناپ تۇرغان بىر مەرۋايىت بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۆگزە ئىمارەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭغا تارىخىي ئۆزگىرىش، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادەت قاتارلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىلىرىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپىنىڭ بىرى.

قەدىمىي ئاستانە شىئەندىن قەدىمىي شەھەر قەشقەرغىچە، شىپاڭ ۋە راۋاقلار قۇملۇقتىكى بوستانلىقلار بىلەن ئۆزئارا قارىشىپ تۇرغان بولۇپ، فارفۇر بۇيۇملار، گەز ـ يىپەكلەر بولسا ئۇنچە ـ مارجان ۋە دورا ـ دەرمەكلەر بىلەن سەپ بولۇپ تىزىلدى، سودا كارۋانلىرى ئەدىبلەر بىلەن سەپەرداش بولدى... بۇ يەر شەرق، غەرب مەدەنىيىتى گىرەلەشكەن جايغا ئايلاندى.

مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تاكى بۈگۈنگىچە ئەسلىي قىياپىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ كەلدى، بۇمۇ دەل قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونت قىلىنماسلىق قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بىرمەھەل ئۆزگەرتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدى.

2009 ـ يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئۇسلۇبى، قىياپىتى ۋە ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، ئۆزگەرتىش جەريانىدا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەسلىگە كەلتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بولۇش» شەكلىنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي چىنلىقى، قىياپىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، تۇرمۇشىنىڭ قولايلىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئارقىلىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى داۋاملاشتۇرۇلدى ۋە ساقلاپ قېلىندى، ھەمدە ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى

«بۇ قېتىم قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ باش تېمىسى <تۇرمۇشنى ئەلا بىلىش> بولۇپ، بۇ ئۆگزىلەر دەل باش تېمىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى» دېدى چىن جېڭ.

ئېگىز ـ پەس ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھېلىھەم توپا رەڭلىك دولقۇنلار گېئومېتىرىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە جور بولغانىدى، كەچقۇرۇندىكى قىزغۇچ سېرىق ئىللىق نۇرلار ئىچىدە، تېلېۋىزور ئانتېنناسى بەئەينى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشاش ھاۋا بوشلۇقىغا سوزۇلۇپ، ئاسماندىكى خەۋەر ـ ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتاتتى.

قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى پاتىمە تۇردى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى ئىدى. «باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا، قەشقەردە قار ـ يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، ئۆگزە تۇرمۇش رايونىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.» پاتىمە مۇنداق دېدى: ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ، سەگىدەش، كىيىم ـ كېچەكلەرنى ئاپتاپقا سېلىش، ھەر خىل رەڭلىك يۇڭ گىلەملەرنى ئاپتاپقا سېلىش... تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك.

بەزى ئائىلىلەر يەنە ئاشخانىلىرىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە كۆچۈرۈپ چىققان بولۇپ ، ھاۋادا قوي گۆشى بىلەن پىيازنىڭ ياغدا قورۇلغان مەززىلىك ھىدى تارقىلىپ تۇرىدۇ.

«ئىلگىرى تۈز ئۆگزىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان تام بار ئىدى، بىز ئۇنى <كۈنگۈرىلىك تام> دەپ ئاتايتۇق، <كۈنگۈرىلىك تام>دىن بىر نوكەش چىقىرىپ، سۇ چىقىرىۋېتىشكە ئىشلىتەتتۇق. ئۆگزە تۇرمۇش رايونى بولغاچقا، بۇ <كۈنگۈرىلىك تام> ئەڭ ئاساسلىقى شەخسىي سىرنى قوغداشقا ئىشلىتىلەتتى» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تاشقى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئادىلجان ئابدۇقادىر.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى رايونىدىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش باشلانغاندىن كېيىن، ياغاچ ۋە بېتون بىلەن قوپۇرۇلغان «كۈنگۈرىلىك تام» تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ كۆركەم بولغان خىش تام دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى، ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە كىرىمنى كۆپەيتىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ماڭغاندا، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا ھەمىشە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن ئاق كەپتەرلەرنى كۆرەلەيسىز.

«كەپتەر بېقىش ئاھالىلەرنىڭ بىر خىل ئادىتى، شۇنداقلا كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: خۇددى «ئۇچقىن كەپتىرىم» ناملىق ناخشىدا ئېيتىلغاندەك «ھەي كەپتىرىم، كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىل، ئېلىپ سەمىمىي ئۈمىدىمنى».

تۇرمۇشنى ئەلا بىلگەندە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدۇ

«مىڭ چاقىرىم يول بېسىپ كەلدىم يۇرتۇمغا، قېرىنداشلار شاد ـ خۇرام جەم بولدۇق بۇندا...» ناخشىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش كامېراسى قەشقەر شۆبە مەيدانى ئاساسىي سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدىكى تارقاق جايلاشقان 12 ئۆگزىدىكى كىچىك سەھنىگە توغرىلاندى، ئاراپات، يۈ مېڭلۇڭ ھەمدە 40 نەچچە ئارتىس ھەرقايسى ئۆگزىلەردىكى سەھنىلەرگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسىدە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى.

«بىز قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، بەك ھاياجانلاندىم.» 2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى كەچتە، تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆرۈۋاتقان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئاھالىسى زۇلپىقار ئابابەكرى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسى چىققانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

ئۆگزىنى بېزىگەن رەڭلىك چىراغلار، ئېگىز ئېسىلغان پانۇسلار، شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان ئەتلەسلەر، رەڭگارەڭ ئاسما گىلەملەر... زۇلپىقار كۆرۈنۈشتىكى ھەربىر تەپسىلاتنى ئىنچىكە ساناپ چىقتى. «ئۇلار خۇددى ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، مانا بۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتى».

«ئۆگزە ئېكراندا كۆرۈنگەن شۇ پەيتتە، ئاساسىي سەھنىدىكى 12 خىيالىي ئىمارەت بىلەن ئۆزئارا جۇلالىنىپ، تەڭداشسىز گۈزەل تۈسكە كىردى.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: بۇ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي سىڭىپ كىرگەن بىر مەيدان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى بولدى.

ئۆگزىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان 40 نەچچە ئارتىس شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاران بەش ياشتا ئىدى، ئۇلار شادىيانە ئۇسسۇللىرى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يەتكۈزدى.

«مەن تۇنجى قېتىم ئۆگزىدىكى كىچىك سەھنىگە چىقىپ رېپېتىتسىيە قىلغاندا، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغانىدى، مەن خۇددى ئۆزۈمنى مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلدىم، ئىشىكىمىز ئالدىدا باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، مەن بولسام ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە ئۇسسۇل ئوينىدىم، بۇ خىل تۇيغۇ بەك ياخشى بولىدىكەن» دېدى ئۆگزىدىكى كىچىك سەھنىدە ئۇسسۇل ئوينىغان ئارتىس شياڭ رۇڭشىن.

ئۆگزىنىڭ ئاستىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، مول ھارپا كېچىسى تامىقى يەۋاتاتتى، بۇ كۆرۈنۈش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە روناق تېپىۋاتقان، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى؛ ئۆگزىدە، ئارتىسلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شۇ پەيتتىكى خۇشاللىقى ۋە ھاياجېنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارىنى ئىپادىلەۋاتاتتى، شۇنداقلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ياشاۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسىنى ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى يەتكۈزمەكتە ئىدى.

تۇرمۇشنى ئەلا بىلگەندە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتقىلى بولىدۇ، دېگەن سۆز بۇ پەيتتە چەكسىز كونكرېتلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.