تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەللىككە، شادلىققا تولغان شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى جاھاننى لەرزىگە سالدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

لەرزان ئۇسسۇل باشلىنىپ مەيىن دولقۇن ھاسىل بولدى، يېقىملىق ناخشا باشلىنىپ گۈلدەك گۈزەل رۇخسارلار نامايان بولدى.

يېتىپ كەلگەن جياچېن ئەجدىھا يىلىنىڭ قەدەم ئاۋازىدا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن گۈزەللىك، ئىناقلىق، خۇشاللىق، ئىللىقلىق ھىدى تارقىلىپ تۇراتتى.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانىدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە نومۇر «گۈزەللىك شىنجاڭدا» 1 -CCTVدە تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى. 2500دىن ئارتۇق ئارتىس - خىزمەتچى خادىم ناخشا ساداسى، ئۇسسۇل قىياپىتى، ساز ئاۋازى، ئالاھىدە ئۈنۈمنى يۇغۇرۇپ ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ ھۇزۇرلۇق كاتتا مەرىكە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شىنجاڭ بارغانسېرى چاقناپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالدى. يۇرتنى قىزغىن مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلار، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىق تەسۋىرلەنگەن ئۇسسۇللار، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئارزۇ - ئىستەكلەرگە تولغان مۇزىكىلار «گۈزەللىك شىنجاڭدا»نىڭ نېمىلىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل، جەم بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى

بۇ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئويۇن قويۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەھنە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ قوللىنىلىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان سىرتتا ئورۇنلانغان بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەمەلىي مەنزىرە ئويۇنى بولۇپ، مۇقەددىمە، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تاغ - دەريالار، ئىناقلىققا، خۇشاللىققا، بەختكە چۆمگەن خەلق، قەلب ۋە گۈزەللىكنى مۇجەسسەملەش، خاتىمىدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈنگەن.

كەڭلىكى 60 مېتىر، ئالدىدىن كەينىگىچە بولغان ئارىلىقى 40 مېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئۆلچەمدىكى سەھنىدە شىنجاڭنىڭ سالاپىتى، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى، شىنجاڭنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايان قىلالايدىغان ئويۇننى تاماملاشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياج نېمە؟ رېژىسسورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدى بىلەن دۇچ كەلگىنى سەپ تۈزۈش مەسىلىسى بولدى.

«پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەت ئورنى، ئۆمەكلىرىدىكى ئارتىس - خىزمەتچى خادىملار ھەمدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ ئويۇنغا زور كۈچ قوشتى.» 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ شىنجاڭ تەرەپ باش رېژىسسورى زېڭ جيەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆپچىلىك بارلىقىنى بېغىشلاپ بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز بىر مەيدان ئويۇننى تاماملىدى».

2500دىن ئارتۇق ئارتىس - خىزمەتچى خادىم، بۇ سان ئىجادىيەت كوللېكتىپىغا مۇھىم ئىشەنچ بىغىشلىدى.

«شاد - خۇراملىققا چۆمگەن تۇپراق» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مول، رەڭدار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى مۇجەسسەملەندى؛ 500 كىشى ئورۇنلىغان «مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن»دە شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىلار بىرلىكتە ئورۇنلاندى؛ 1100 كىشىلىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل «گۈزەل شىنجاڭ»دا، كۈچلۈك زامانىۋى سەھنە سەنئىتى لايىھەسى ئارقىلىق «ئارتىسلار يىغىلىپ گۈلگە ئايلانغان، بۇ گۈل يەنە ئۇسسۇلغا چۈشكەن» كۆرۈنۈش ھاسىل بولدى.

«<يىغىلىش، توپلىنىش، بىرلىشىش، رەتلىك بولۇش>نى يادرو قىلغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل شىنجاڭ ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدىكى خاسلىق، ئۇ ئۇيۇشۇش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق روھىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى. بىز تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى كەزسەك، سەنەم، دولان ئۇسسۇلى، ساۋۇردىڭ، قاراجورغا، بۈركۈت ئۇسسۇلى قاتارلىق ھەر مىللەت خەلق قىزغىن سۆيىدىغان ۋە پائال ۋارىسلىق قىلغان ئۇسسۇللارنى كۆرىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەش شەكلى قىلغان.» «گۈزەللىك شىنجاڭدا»نىڭ ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى شىن جۈنجيې مۇنداق دېدى: شۇڭا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ھەجىملىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل بۇ كېچىلىكتىكى ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولدى.

تۈمەن گەزلىك ئېگىزلىكتە، قۇملۇقتىكى بوستانلىقتا، يايلاقتىكى فېرمىلاردا، كەڭ ۋە تىمتاس سۇلۇق ئېتىز بويلىرىدا ھەر مىللەت پۇقرالار باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش شادلىقى ئىچىدە، بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، جەم بولۇپ بىللە ئۇسسۇل ئوينىدى، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن كىشىلەر توپىنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى... كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىنغان كوللېكتىپ ئۇسسۇلدا مول كۆرۈنۈش ۋە ئۆزگىرىشچان ئۇسسۇل قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈلگەنىدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر قالتىسلىقنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى.

«مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن»دە، سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۇ مەنزىرىسى بويىدا، خىيالىي تۈسكە تولغان ئۆگزىدە، قۇملۇق دېكىراتسىيەسىدە ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان سانسىز سازەندىلەر قولىدىكى راۋاب، ساتار، داپ، دۇتار، قالۇن، غېجەك، نەي قاتارلىقلار ئارقىلىق تەسىرلىك مېلودىيە ياڭراتتى، نۇر شولىسى يۆتكەلگەن ئاشۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ خۇشال چىرايى جۇلالاندى.

«جۇلا» «چىنە ئۇسسۇلى» «ساماۋەر ئۇسسۇلى» بىر سەھنىدە ئوينىلىپ، «كۆركەم مېيخۇا خىجىل بولدى كۈمۈش كەبى قار گۈلىنىڭ ئالدىدا، قار گۈلى ھەم مەستخۇش بولدى خۇشبۇي مېيخۇا ھىدىدا» دېگەن مىسرالاردا تەسۋىرلەنگەندەك جۇڭگو مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ مۆجىزە كەبى رەڭدارلىقىنى نامايان قىلدى.

«مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن... سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا ياشاۋاتىمەن، سېنىڭ مېھىر - شەپقىتىڭ ھەر ۋاقىت قەلبىمنى يورۇتىدۇ...» «مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن»دە ئەسلىي مۇقام كۈيىگە تەسىرلىك، ئاددىي، قەلب ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە ئىزھار قىلىدىغان ناخشا تېكىستى كىرىشتۈرۈلۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەندى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدىكى قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە سەھنە كۆرۈنۈشى لايىھەسى ۋە ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا ئۇنىۋېرسال سەنئەت گەۋدىسىنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىشىمۇ شىنجاڭ خەلق مەدەنىيەت - سەنئەت تۇرمۇشىنىڭ قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى بولۇپ، كىشىلەرنى ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىغا خاس بولغان «يۇقىرى سەۋىيەدىكى سەنئەت سالاپىتى»نى يېقىن تۇرۇپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشنى نامايان قىلدى

«تېلېۋىزىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق سەھنىدە ئويۇن قويۇش بىلەن رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، <گۈزەللىك شىنجاڭدا>دىكى بىر ئىجادىي نۇقتا.» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى شىنجاڭ تەرەپ رېژىسسورى شيې جۈنۋېن مۇنداق دېدى: «گەرچە بىزنىڭ مەيدانىمىز قەشقەردە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئويۇندا نامايان قىلىنغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكى بولغاچقا، بىز كامېرانى سەھنە سىرتىغىمۇ توغرىلىدۇق».

«قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگو باھار بايرىمى» «ئەڭ گۈزەل قىش» «كىچىك ئاق تېرەك» ناملىق ناخشىلارنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، تارباغاتاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان پىشۇرۇقلار دۇخوپكىدىن چىقتى، شىخەنزىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ھارپا كېچىسى تامىقى يېدى، بارىكۆلدە كوچا ئويۇنى قىزىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدە ياشلار جۇشقۇن ئۇسسۇلغا چۈشتى، قۇمقاناستىكى قار - مۇزلۇقلاردا ساياھەتچىلەر ھارغۇچە ئوينىدى... «پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى دەل مۇشۇ ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدە نامايان بولدى، بۇ كۆرۈنۈشلەر ئاددىي، بېزەكسىز بولسىمۇ، ئەمما كىشى قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى شيې جۈنۋېن.

«قەشقەر كېچىسى»دىن «قاراجورغا»غىچە، «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»تىن «ياشلىق ئۇسسۇل كۈيى»گىچە، «يايلاق كېچىسى»دىن «بىڭتۇەن قەلبى»گىچە، مەيلى ناخشا ياكى ئۇسسۇل بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭدىكى قايناق تۇرمۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

قەشقەر كېچىسىدە كىشىلەرنىڭ ھاياجانلىق سادالىرى ياڭرىدى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا مېۋىلەر مەي باغلىدى، مەكىتنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالدى، ئۈرۈمچىدىكى سېركچى ئەزىمەتلەر زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، شىنجاڭدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭقۇر قېزىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىشى بىلەن ساپ، ئاددىي - ساددا، قەيسەر، كۈچلۈك ئەسەرلەرگە ئايلاندى.

«ئاراپات ئېيتقان <قەشقەر كېچىسى> بولسا <يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز> پائالىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ياخشى بىر ناخشا، ئۇ <گۈزەللىك شىنجاڭدا> ئېھتىياجلىق بولغان كەيپىياتقا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ سالاپىتىگە، بىز نامايان قىلماقچى بولغان قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. چىراغلار چاقنىدى، چايخانىلاردىن خۇش پۇراق تارىدى، بازار قىزىپ كەتتى، ساز ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.» زېڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ مەنزىرىدىن بىۋاسىتە ھۇزۇرلانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەلبىم خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغاندەك «قەلبىمگە ئورنىدى بۇ گۈزەل تۇيغۇ، كېچەلمەسمەن مەڭگۈگە ئەمدى ئۇنىڭدىن» دېگەن ھەقىقىي تۇيغۇغا چۆمدى.

«يۇرتقا قايتىش» «مىڭ يىللىق سۆز» «ئارزۇغا يېتىش» «كۆكتوقايدىكى پادىچى»... «مودا ئېقىم ئۇسلۇبى» بولسا «گۈزەللىك شىنجاڭدا»دىكى يەنە بىر ئىجادىي يارقىن نۇقتا. ئاراپات، شېرىنناي گاۋ، ۋاڭ چى قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار ئىنتايىن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ، سەھنە كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

«تاماشىبىنلار ياقتۇرىدىغان بولۇش پىروگرامما ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ، ھەم تاماشىبىنلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىش، ھەم رېئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىش ئەڭ ياخشى تاللاش.» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى شىنجاڭ تەرەپ رېژىسسورى جاڭ چيەن مۇنداق دېدى: «يۇرتقا قايتىش»تا تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلارنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى، «ئارزۇغا يېتىش»تە ئەۋلادمۇئەۋلاد تۆھپە قوشقۇچىلارنىڭ كۈچ ئۇلىغانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى، «مىڭ يىللىق سۆز»دە يىپەك يولىنىڭ مۆجىزىلىك تارىخى ئەسلەندى، «كۆكتوقايدىكى پادىچى»دا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ئارقىلىق ئەڭ ئاددىي بولغان ئاددىي كىشىلەر، ئاددىي ئىشلار بايان قىلىندى.

«ئادەمگەرچىلىك، شاد - خۇراملىق، مودا تۇيغۇ، ئاممىۋىلىقنى قوغلىشىش دەل بىزگە كېرەكلىك بولغان ئامىللار.» جاڭ چيەن «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ئارقىلىق سەنئەت سەھنىسى بىلەن تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ناخشا - ئۇسسۇل ساھەسىدىكى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئىستىقبالى زور

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە سەككىز كۈن قالغاندا، زېڭ جيەن ۋاقىت چىقىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش رايونىغا بېرىپ ئارتىسلارنى يوقلىدى. 40 نەچچە كۈندە، ئۇلار تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان ئەھۋالدىمۇ يېرىم كېچىگىچە سىرتتا رېپېتىتسىيە قىلغان، ھەر كۈنى كەچتە رېپېتىتسىيەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا پەقەت نېپىز ئويۇن قويۇش كىيىمى كىيىپ مەشىق قىلغانىدى.

«بولۇپمۇ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 20 ياشقا توشمىغان بالىلار، بەرداشلىق بېرىشى ئاسانغا چۈشمىدى.» زېڭ جيەن ئاۋازى سەل بوغۇلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلاردىن جاپالىقمىكەن، قىينالدىڭلارمۇ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار ياق، بۇنى ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق ئويۇن دەپ ھېس قىلىمىز، دېدى».

ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ھەجىملىك كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئويناش سېنارىست ۋە رېژىسسورلار، ئارتىسلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ سىناق. «كوللېكتىپ ئۇسسۇلدا رەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ھەربىر گۇرۇپپا ئارتىسنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىگە مەزمۇن مۇجەسسەملەنگەن ھەم ئۇسسۇل تىلى ئىقتىدارى يۈكلەنگەن، ھەربىر گۇرۇپپا ئارتىس كۆپەيسە، يەنە بىر قاتلام ئوبراز بېكىتىش كۆپىيىدۇ، يەنە بىر قاتلام ئىجادىيەت قىيىنلىق دەرىجىسى كۆپىيىدۇ.» شىن جۈنجيې مۇنداق دېدى: شۇڭا ئەمەلىي ئويۇن قويىدىغان ۋاقىتتا، كوللېكتىپ روھى ئىنتايىن مۇھىم. 1100 ئارتىس قاتناشقان بىر ئۇسسۇلنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان رېپېتىتسىيە مەزگىلىدە، ئويۇننى دەل جايىدا ئورۇنلىغاندىن سىرت، يەنە كەيپىياتى مۇقىم، روھىي ھالىتى ئاكتىپ، نىشانى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى شىنجاڭ تەرەپ رېژىسسورى ياۋ دى «گۈزەللىك شىنجاڭدا»نىڭ «ئارتىس باش باشقۇرغۇچىسى» بولۇپ، تەرتىپلىك بولۇش، تەييارلىق بولۇش، رىتىملىق بولۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 1100 ئارتىس بىرلا ۋاقىتتا سەھنىگە چىقىدۇ، كۆپلىگەن ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى بار، ھەربىر گۇرۇپپا ئارىسىدا گىرەلىشىش، تەڭ ئورۇنلاش بار، ئاساسلىق رولدىكىلىرى ۋە يانداش رولدىكىلىرى بار، بىر چوڭ سەھنىدە يەنە بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن كىچىك سەھنە ئويۇنى نامايان قىلىنىدۇ، بۇلاردىن بۇ ئۇسسۇلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

«بۇنداق يۇقىرى ئۆلچەملىك سەھنە ئارتىسلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويدى، مەيلى يېرىم كېچە بولۇپ كەتسۇن، ھاۋا قانچىلىك سوغۇق بولسۇن، مۇزىكا ياڭرىشى بىلەنلا ئۇسسۇل باشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل روھىي ھالىتى بىلەن ئويۇن قويىدۇ، ئۆزى بىر پۈتۈنلۈك، ئۆزى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بىر توپ ئادەم ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر ئادەم ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك چىقىشى كېرەك.» ياۋ دى مۇنداق دېدى: قايتا - قايتا، كۈن - كۈنلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا تاماشىبىنلار كۆرگەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، كۆركەم، ئېسىل، جەزبىدارلىققا تولغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جاپالىق مەشىقنىڭ نەتىجىسى.

زېڭ جيەن يېڭى ئەۋلاد ناخشا - ئۇسسۇل سەنئەتچىلىرىگە مۇنداق باھا بەردى: «قالتىس ئىكەن!» ئۇلار بۇ قېتىمقى ئالاھىدە سەنئەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆگەنگەن ماھارىتىنى سەھنىدە ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ قىممەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، «مەن بۇ بالىلارنى ئالقىشلايمەن، ئۇلار شىنجاڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىدە ئىستىقبالى زور».

ناخشا - ئۇسسۇل ماكانىنىڭ قىياپىتى، خاراكتېرى، خىسلىتى، ئىچكى خاس مەزمۇنى «گۈزەللىك شىنجاڭدا» نومۇرىدا بىر قېتىم تولۇق كۆرۈنۈشلۈك، ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىندى. ئەجدىھا يىلى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بۇ نومۇر جۇشقۇن، مەردانە، يېپيېڭى قىياپىتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، خۇددى بىر پارچە كۆركەم كىمخاب يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.