تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەدىمىي شەھەردە ئوينالدى ئۇسسۇل لەرزان، يىپەك يولىدا ياڭرىدى شوخ ناخشا ھەريان

− باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا كۆرسىتىلگەن ئويۇن توغرىسىدا ئوچېرىك

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

ھارپا كېچىسىدە، رەڭدار پانۇسلار جۇلالاندى. مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر قەشقەر قىزىل ۋە سېرىق رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن گىرىمسەن نۇر ئىچىدە خۇددى لېرىك شېئىر، نەپىس سۈرەت ۋە چۈش كەبى گۈزەل تۈسكە چۆمدى. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، سەككىز مىنۇتتا دۇنياغا شىنجاڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلدى.

داقا - دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، باھار بايرىمى كۈتۈۋېلىندى، بەخت تىلەكلىرى بىلدۈرۈلدى. سائەت 20دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، 1000 داپچى داپنى جاراڭلىق ئۇداردا چالغىنىچە قەدىمىي شەھەر كوچىسىدا مېڭىپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان باھار بايرىمى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. ئاساسىي سەھنىدە يىپەك يولىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلدى: دولقۇنسىمان قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە، «ۋاقىت كارۋىنى» ياڭراق كولدۇرما ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، تىيانشاندىن ھالقىپ، سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يولىنى سۈرەتلەپ چىقتى، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى بۇ جايدا توپلاندى، ئالماشتۇرۇلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بۇ جايدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى، يۇغۇرۇلدى، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق بۇ جايدا گىرەلەشتى، ماسلاشتى.

پارلاق مەدەنىيلىك كۈيلىنىپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەردە گۈللەنگەن شانلىق سەھىپە نامايان بولدى −

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت، جامالىڭنى بىر كۆرەي...» «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» ناملىق خەلق ناخشىسىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئالتە ناخشا - ئۇسسۇل كوللېكتىپى بىر سەھنىدە تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كەلگۈسىنى كۈيلىدى. چىرايلىق كىيىنگەن شىنجاڭلىق ئارتىس دىلرابا كۆڭلىكىنى لەپىلدەتكىنىچە لەرزان چۆرگىلىدى؛ بالىلار بايراملىق چىرايلىق كىيىندى، قىزغىنلىق تولۇپ تاشتى؛ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر، قىزلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ساز چالدى، لەرزان مېلودىيە كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى... «ھەر مىللەت خەلق شاد - خۇراملىققا چۆمگەن كەيپىيات ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، تونۇشنى ئۆستۈردى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ مەيدان ئويۇن مېنى تەسىرلەندۈردى» دېدى تاماشىبىن جاڭ ۋېي ھاياجانلانغان ھالدا.

«شىنجاڭدا ئون يىل ياشىدىم، مەن ھەر قېتىم تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا، مەشرەپ، قاراجورغا، ساۋۇردېڭ قاتارلىق شوخ ناخشا - ئۇسسۇللار، يۈەنشياۋ بايرىمى، نادام، خۇائېر يىغىلىشى قاتارلىق بايرام، كاتتا يىغىلىشلاردا نامايان بولۇپ تۇرغان قويۇق، رەڭدار مىللىيچە تۈس، ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇشچانلىقتىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرىلەردىن چەكسىز ھۇزۇرلىنىمەن.» شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى ئۇسسۇللارنى ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى دەل «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»نى ئەڭ جانلىق ئىزاھلىدى.

يېڭى دەۋر خەلقى ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتىلىپ، خۇشال، مەردانە قەدەملەر بىلەن ئاتلىنىپ جۇشقۇن روھ ئۇرغۇتۇلدى −

«پوجاڭزىلار ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، ھەممە ئائىلىدە ئىللىق چىراغ نۇرى چاقنىدى...» ناخشا ساداسى يىراق - يىراقلارغا تارالدى، رەڭدار پانۇسلار يورۇدى، كۆركەم ئاساسىي سەھنە بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىدا رەڭدار نۇرلار چاقنىدى، 12 خىيالىي ئىمارەت بىلەن 12 ئۆگزە كېسىشمەي گىرەلەشتى، ئۆگزىدە، كوچا يوللىرىدا، ئىشىك - دېرىزىلەر ئالدىدا چىرايلىق كىيىنگەن ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بىللە ياشاپ خۇشاللىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك مەنزىرىنى نامايان قىلدى. ئەجدىھا - شىر ئويۇنى بىلەن مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇللار بىر سەھنىدە بەس - بەستە ئورۇنلاندى، دۇمباق بىلەن شىنجاڭ دېپى يېقىملىق جور بولدى، مول، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئامىللىرى توپلىنىپ يۇغۇرۇلدى، شۆبە مەيدان سەھنىسىدە يېڭىلىقلار نامايان قىلىنىپ، خۇشال كەيپىيات تولۇپ تاشتى.

«مىڭ چاقىرىم يول بېسىپ كەلدىم يۇرتۇمغا، قېرىنداشلار شاد - خۇرام جەم بولدۇق بۇندا...» شىنجاڭلىق ناخشىچى ئاراپات مودا رەپ ناخشىسى بىلەن مىللەت ئامىلىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئىناق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. «نۇرغۇن كىشى مىللىي مۇزىكىلارنى مىللىيچە كىيىنىپ، ئورمانلىقلاردا، دالىلاردا ئېيتىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما مەن بۇ خىل ئادەتلەنگەن تەسىرنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىللىي مۇزىكىلارنى يېڭىلىق يارىتىش يولىدا سىجىل كۈچەپ، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆزنى قاماشتۇرۇپ نۇر چاچقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن» دېدى ئاراپات.

رىشتە چىڭ چىگىلدى، قەلبلەر يېقىنلاشتى، ئارزۇ - ئارمانلار تۇتاشتى. شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ باش رېژىسسورى چىن جېڭ شۆبە مەيداننىڭ مىڭ يىللىق يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق پارلاق نۇر چېچىشىنى ئۈمىد قىلدى، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت مۇقەررەر كۆزنى چاقنىتىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ».

بۈگۈن كەچ شىنجاڭدا، سانسىز كۆزلەر قەدىمىي شەھەرگە تىكىلدى. بۈگۈن كەچ شىنجاڭدا، رەڭدار مەدەنىيلىك كۈچلۈك ئىپادىلەندى. ئۇنتۇلغۇسىز بۇ كېچىدە، مۇقەددەس جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنى ئوخشاشلا قۇچاق ئاچتى. خەلقئارا سەۋىيەگە، جۇڭگو سالاپىتىگە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بۇ مەيدان كاتتا سەنئەت مەرىكىسى «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە شىنجاڭنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، نامىنى تېخىمۇ تونۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.