تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى سەككىز مىنۇت قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى!

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئارتىسلار «دۇمباق ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ ئەجدىھانىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى» ناملىق باشلىنىش ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» ناملىق ئېسىل نومۇر ئورۇنلاندى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ مېڭمېڭ، رايىدە

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ھارپا كېچىسى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا يارقىن نۇقتىلار كەينى - كەينىدىن نامايان بولۇپ، يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭدىكى سەككىز مىنۇت دۇنيانى ھەيران قالدۇردى!

سەككىز مىنۇت «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ غايەت زور ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۇرغۇپ چىقىشى. سەككىز مىنۇت كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر مەيدان كاتتا مەرىكە، بىر پارچە گۈزەل ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم، بىر قېتىملىق تولۇق ئىپادىلەش.

ئەڭ ئىللىق جاي چىراغلار چاقناپ تۇرغان تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر بولدى

ھەيۋەتلىك كوئېنلۇندا داپ ۋە دۇمباق ساداسى ياڭراپ، ياڭراق سادالار كۆكنى لەرزىگە سېلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقنى قانغۇچە بايان قىلدى. شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى تۇنجى قېتىم باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە ئورۇنلانغان نومۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «دۇمباق ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ ئەجدىھانىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى» ناملىق نومۇردىن چەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا، چوقۇم كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىش كېرەك، شۇڭا بىز 1000غا يېقىن داپچى، دۇمباقچى بىلەن جۇڭگو چوڭ دۇمبىقى ۋە شىنجاڭ دېپىنى چېلىشنى تاللىدۇق. ئويلاپ باقايلى، جۇڭگو چوڭ دۇمبىقى مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەردە ياڭرىدى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش شۇ دەقىقىدە كونكرېتلاشتى، ئۆتمۈش بىلەن ھازىر بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەندەك بولدى.» قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ باش رېژىسسورى چىن جېڭ مۇنداق دېدى: مەن ھەربىر نومۇر ئىجادىيىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تاۋلاپ ۋە نامايان قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش شەكلىنى تىرىشىپ بۇزۇپ تاشلاپ، ئەڭ ياخشى سەنئەت شەكلىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدىم.

«يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت، جامالىڭنى بىر كۆرەي...» «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» ناملىق لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ، سەھنىدە خۇددى يىپەك يولىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىر پارچە يۆگىمە رەسىمى يېيىلغاندەك بولدى: ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرىدا، «ۋاقىت تۆگە كارۋىنى» جاراڭلىق كولدۇرما ئاۋازىغا ئەگىشىپ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، تىيانشاندىن ھالقىپ، سودا ئالاقىسى ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يولىنى ھاسىل قىلدى، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى بۇ جايدا جەم بولدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇ جايدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلدى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بۇ جايدا ئۆزئارا ماسلاشتى.

«مەيلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى قايسى جايغا بارايلى، مۇزىكا ئاڭلانغانلا جايدا كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تارىخ، مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنىڭ سىڭىشىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا بىزگە پۈتمەس - تۈگىمەس ئىلھام ۋە ئوزۇق بەردى.» چىن جېڭ مۇنداق دېدى: شۆبە مەيداندىكى نومۇر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت» ناملىق ناخشىنى مۇقەددىمە قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ خاس مۇزىكا ئامىللىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىچە ئىجاد قىلىندى.

ئاساسىي نومۇر «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ»دا، يېقىملىق قۇمۇز ساداسى لەرزان ياڭراپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان قىز - يىگىتلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇلغا چۈشتى، گۈزەل قىزلار قىزىل كۆڭلەكلىرىنى لىپىلدىتىپ يىراقتىن لەرزان قەدەم تاشلاپ يېتىپ كەلدى... «مەن گۈزەل شىنجاڭنىڭ <ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى> ھېس قىلدىم.» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تۆت شۆبە مەيدانىنىڭ باش رېژىسسورى لى مېيلەننىڭ بۇ باھاسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

«ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ»نىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» شىنجاڭدىكى ئەر - خوتۇن سېنارىست ۋە رېژىسسور جاڭ پېڭ، لى مېڭيۈلەر ئۈستىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ پەقەت ئېتىز بېشىدا يۈزبەرگەن قايناق تۇرمۇشنى سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىق ھېسابلىنىدىكەن. «شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ئون يىلدا، مەن ھەر قېتىملىق تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت جەريانىغا چوڭقۇر چۆكتۈم، مەشرەپ، قارا جورغا، ساۋۇردىڭ قاتارلىق شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇللارنى كۆردۈم، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش، نادام، ئات بەيگىسى يىغىلىشى، خۇائېر يىغىلىشى قاتارلىق بايرام، كاتتا يىغىلىشلارغا قاتناشتىم... بۇلارنىڭ ھەممىسىدە قويۇق، رومانتىك بولغان مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىشتەك گۈزەل مەنزىرە نامايان قىلىندى. بىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، ھاياتىي كۈچكە باي بۇ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۇسسۇل ئىشلەپ، تاماشىبىنلارغا تونۇش بولغان ناتونۇش تۇيغۇ بەردۇق.» جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: سەنئەت ئىجادىيىتىدە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتقىلى، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگىلى، كىشىلەرگە ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ، «بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قىزغىن شىنجاڭ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ، كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان شىنجاڭنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

قەشقەردىن چىققان «ئوغلان» ئاراپات باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىدە، ناخشىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يۇرتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە بولغان تىلىكى، ئانا ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ نومۇرىدا ئېيتىشىش مەدەنىيىتى بىلەن مىللەتلەر مۇزىكىسى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، قەدىمىي مېلودىيە ياشلىق رىتىمىغا ئىگە قىلىندى. «شىنجاڭدىكى مۇزىكانتلار پائال تۈردە مىللەتلەر مۇزىكىسىنىڭ ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش يولىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، مىللەتلەر مۇزىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.» ئاراپات مۇنداق دېدى: ناخشىدا نامايان قىلىنغان نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر مەن تۇرمۇش ئۆگەنگەندە كۆرگەن كۆرۈنۈشلەردىن كەلگەن، «ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ ناخشىنىڭ MVسىنى سۈرەتكە ئالغاندا مەخسۇس كارىزنى زىيارەت قىلغانىدۇق. 17 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدىكى يېپىق ئۆستەڭدە تۇرغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى، بۇ، دۆلەتكە، مىللەتكە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى».

دىلرابا، يۈ مېڭلۇڭ، ۋاڭ خۇڭۋېي قاتارلىق شىنجاڭلىق ئارتىسلارمۇ كەينى - كەينىدىن مەيدانغا چىقتى، ئۇلار ئېسىل نومۇرلىرى بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلدى، خۇددى دىلرابا ئېيتقاندەك: «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى يۇرتىمىزنىڭ كاتتا ئىشى، يۇرتىمىزنىڭ كاتتا ئىشى مېنىڭ چوڭ ئىشىم، مەن يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىدىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم ۋە ئىپتىخارلاندىم».

«ساليۇت - پوجاڭزا ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، چىراغلار چاقناپ تۇرغان ئونمىڭلىغان ئائىلە ئەڭ ئىللىق جاي بولدى...» ناخشا ئاۋازلىرى يىراق - يىراقلارغا تارقىلىپ، چىراغلار چاقنىغاندا، جۇلالىنىپ تۇرغان ئاساسىي سەھنە بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى رەڭدار نۇر چېچىپ، خىيالىي تۈسكە تولغان 12 ئىمارەت بىلەن 12 ئۆگزە بوشلۇق ھالقىپ گىرەلەشتى، بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنى سەھنىگە ئايلاندۇرغان رومانتىك پەيت ھەم قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان چوڭقۇر مەنىگە تولدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت، چوڭقۇر ھېسسىيات مۇجەسسەملەندى.

«بىز قەدىمىي شەھەردىكى 12 ئادەتتىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆگزىسىنى تاللاپ، كىچىك سەھنە ياسىدۇق، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان ئۇسسۇل ئارتىسلىرى بۇ ئۆگزىلەردە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ جانلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى نامايان قىلدى.» چىن جېڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ كۆرۈنۈشتىكى ئىلھام رېژىسسورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ماتېرىيال ئالغان چاغدىكى ھەقىقىي ئاڭلىغانلىرى، ھەقىقىي كۆرگەنلىرى، ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىدىن كەلگەن، «بىز قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى رەڭگارەڭ ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ ھەممە ئائىلىنىڭ كۈندىلىك گۈزەل تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ئۆگزىلىرىنىڭمۇ شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە تۇتىشىشى دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى باياشاتچىلىق ئىچىدە كۆڭۈللۈك ئۆتمەكتە، ئۆگزىلەردە مەززىلىك تائاملاردىن بەھرىلىنىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. بۇ، <ئانار قىزاردى، تۇرمۇش ياخشىلاندى، خەلق شادلاندى، شىنجاڭ گۈزەللەشتى>دىن ئىبارەت باش تېمىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ».

شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا باشتىن - ئاخىر يىلتىز تارتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا شانلىق، كۆپ خىل تارىخىي مەدەنىيەتنى ياراتتى، بۇلارنى بىر مەيدان ئويۇندا مۇكەممەل ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس. «نومۇر مەزمۇنىدىن سەھنە گۈزەل سەنئەت لايىھەسىگىچە، مەۋھۇملۇق بىلەن رېئاللىقنى گىرەلەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا بىلەن مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇش داۋامىدا، ئەڭ ئاخىرىدا نومۇر ئۈنۈمىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، بىز <كۆزىمىز قىيمىغان> ھالدا، پەقەت ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەزمۇنلارنىلا ساقلاپ قالدۇق.» چىن جېڭ مۇنداق دېدى: پىلانلاشتىن كۆرسىتىشكىچە ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى، شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەيدان راھەت چەمبىرەك سىرتىدىكى قالتىس جەڭنى تاماملىدى.

شىنجاڭدىكى سەككىز مىنۇتقا نىسبەتەن، كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىزدىنىشى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسىنى ئورتاق جۇلالاندۇرۇش ئېتىقادى ۋە يۈكسەك ئىرادىسى بولدى، بۇنىڭدىن كىشىلەر ھاياجانلانماي، كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالماي تۇرالمايدۇ!

خەلقنىڭ بىر مەيدان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى

1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قەشقەردە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى شىنجاڭ تەرەپ باش رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زېڭ جيەننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى ھېسسىياتى ھېلىھەم ئېسىدە، «مەن نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى كېچىلىك ۋە ئويۇنلارنى رېپېتىتسىيە قىلغان، لېكىن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بار، ئۇ بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت، ئەھمىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ».

يىل بېشىدا، 2537 نەپەر ئارتىس - خىزمەتچى خادىم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەنئەت ئورنى - ئۆمەكلىرىنىڭ تايانچلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدا ئون نەچچە يىل يىلتىز تارتقان ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشتىن ئىبارەت بىرلا نىشانى بار ئىدى.

شۇ چاغدىن باشلاپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى بوغۇم، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مۇتەللىپ مەمەت ۋە ئۇ تۇرۇشلۇق داۋالاش كاپالىتى گۇرۇپپىسى ئارتىسلارغا ئەگىشىپ مەشىق مەيدانى ۋە ئويۇن قويۇش ئورنىدا ئالدىراش يۈردى. «ئارتىسلار ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە ئورنىدىن تۇرۇپ، رېپېتىتسىيە زالىدا 12 سائەت ئىزچىل مەشىق قىلىپ، تەرگە چۆمۈلۈپ كېتەتتى، كىيىملىرى قۇرۇق تۇرىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز ئىدى، ھەقىقەتەن بەك جاپا تارتتى.» مۇتەللىپ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئارتىسلار سىرتتىكى ئويۇن قويۇش مەيدانىدا يۇقىرى سىجىللىقتا رېپېتىتسىيە قىلىشقا باشلىدى، نۆلدىن تۆۋەن يەتتە - سەككىز سېلسىيە گىرادۇستا، نېپىز ئۇسسۇل كىيىمى كىيگەنلىكتىن، ئاغرىپ قېلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، «ئەڭ جاپالىق بىرنەچچە كۈندە، ھەر كۈنى 30دىن ئارتۇق ئارتىس زۇكام بولدى، قىزىپ قالدى، بەزىلىرى يەنە بوغۇملىرى قايرىلىپ زەخىملىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقتى».

سەھنىدە ئىلگىرى «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» «چيەنخۇا. مەنبى» ئويۇنىغا قاتناشقان ئارتىس جەۋلان مەمەتتۇرسۇننىڭ ھەرىكىتى مەزمۇت، چاققان ئىدى. مۇزىكا توختىغاندا، ئۇ بىر ياققا ئۆتۈپ جىمجىت ئارام ئالدى، سول پۇتى سەل - پەل تىترەپ تۇراتتى. «يارىلىنىش ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، سەھنىگە چىققاندا كىم يارىلانمايدۇ.» ئۇ كۈلۈپ قويدى، تۇرقىدىن يېرىم ئاي ئىلگىرى سول تىزىنىڭ ئىچكى تەرەپ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچىكىنىڭ زەخىملەنگەنلىكى، ئوڭ تەرەپ پاقالچاق سۆڭىكى سۇپىسىدىكى يىلىك سۇلۇق ئىششىقى سەۋەبىدىن دوختۇرنىڭ ئوپېراتسىيە ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەنلىكىنى قاراپ بىلگىلى بولمايتتى.

تېخنىكىنى يېڭىلاش، كۆرۈش - ئاڭلاش سېزىمى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باھار بايرىمىنىڭ باش مەزمۇن ۋەكىلى بولغان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئىزچىل تۈردە ئەنئەنىۋى سەھنە ياساش ئۇسۇلى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىرتتىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە كىنو دەرىجىلىك فىلىم ئىشلەش ئۆلچىمى ئارقىلىق سەھنە سەنئىتى شەكلىنى بېيىتىشتا سىناق قىلىنىپ كەلدى. شىنجاڭ رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال تاشقى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سىرتتىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بىلەن ماسلىشىپ كۆپ يولغا بۆلۈنۈپ، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى ئايلىنىپ سۈرەتكە ئالدى، مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى.

«خۇددى ئۆيگە ئەزىز مېھمان كەلگەندەك، بارلىق ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ چىققۇمىز كەلدى.» شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ساياھەت پىروگراممىسى مەركىزى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت مەركىزى پىلانلاش - تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيې جۈنۋېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سىرتتىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەۋر تومۇرىدىن سەنئەتنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىپ، سەنئەت ئىجادىيىتىنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە، مول، رەڭدار جەمئىيەت تۇرمۇشىغا يۈزلەندۈردى، «شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئايلانغاندا، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قوشنا - قولۇملاردەك يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى، مەيلى مودا، زامانىۋى ئۈرۈمچىدە بولسۇن ياكى قويۇق باھار بايرىمى تۈسىگە تولغان قەشقەر كونا كوچىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى چۆچەكتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۈز ئائىلە زىياپىتىدە بولسۇن، ھەممىلا جايدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى <ئىناقلىق> سىرتتىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق - ئېجىل ئۆتۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ».

سىرتتىكى كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدا ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىش يۈزبەرگەنىدى − قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كوچىسىدا «دۇمباق ئۇسسۇلىغا ئەگىشىپ ئەجدىھانىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى» نومۇرىنىڭ دۇمباق مەشىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قەشقەرلىك ئىككى ياشانغان كىشىمۇ داپ چېلىپ ئۇلارغا ماسلىشىپ، نەق مەيداننى بىردىنلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىر تال گۈل - گىياھ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كۆرۈنۈشلىرى ئىچىگە مۇجەسسەملەندى... كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان گۈزەل مەنزىرە بولدى. خۇددى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ باش رېژىسسورى يۈ لېي ئېيتقاندەك: «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش خەلقتىن كېلىدۇ. بارلىق خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن شادلانغاندىلا، بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەندىلا، ئاندىن ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىمىز».

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قەشقەر يېڭى يىلدىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، ئەمدىلا ياسىلىپ پۈتكەن سەھنىدە مۇھىت تازىلىقى گۇرۇپپىسى ئىشچىلىرى ئارتىسلارنىڭ تېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پولنى توختىماي سۈرتتى. مەيدان سىرتىدا، قەشقەر شەھىرىدىكى 17 غول يول ھەم 44 يول ئېغىزىغا رەڭلىك چىراغ ۋە قىزىل پانۇسلار كەينى - كەينىدىن ئېسىلدى. زىمىستان قىشمۇ ئاشۇ ئالدىراش سىيمالار سەۋەبىدىن ئىللىقلىققا تولدى.

شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچى قوشۇن بولدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى 337 كىشى، 25 جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش توك مەنبەسى ئاپتوموبىلى، 84 ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئاسراش ئاپتوموبىلى، 19 UPS توك مەنبەسى (ئۈزۈلمەس توك مەنبەسى)نى ئىشقا سالدى، سەككىز تىرانسفورموتور، 19 توك تەقسىملەش ئىشكاپى ئورناتتى، 35 كىلومېتىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كابېلى ياتقۇزدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە جىددىي رېمونت قىلىش قوشۇنى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، شۆبە مەيداندا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، ئېسىل نومۇرلار قويۇلۇۋاتقاندا توكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛

جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تىجارەت سودىگىرىگە غوللۇق مۇتەخەسسىستىن 40 نەچچە نەپەرنى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش ئاپتوموبىلىدىن تۆتنى ئاجرىتىپ بېرىپ، بەش بىنا ئۆگزىسى ئاساسىي پونكىتىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قاپلاش دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق سىمسىز سىگناللارغا قارىتا سىغىمىنى كېڭەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئالاقە تورى چىقىش ئېغىزىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بەلباغ كەڭلىكىنى 400Gغا يەتكۈزۈپ، تورنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى؛

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 78 ئىسسىق ساقلاش پاختىلىق چېدىرى، 17 ئېغىز پۈتۈن گەۋدىلىك ئامبار، 96 ئېغىز ۋاقىتلىق ھاجەتخانا ياسىدى، ئۈچ ئورۇندا سۇ ئىچىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، قارا شېكەر سۈيى، زەنجىۋىل قايناتمىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى ۋە ئارتىس - خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى...

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەكتىن كىشىلەر ھەقىقىي، قىزغىن، گۈزەل شىنجاڭنى كۆردى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتىن ئۇرغۇپ چىققان قۇدرەتلىك كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى

مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر قەشقەر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى ئەڭ قويۇق، ئادىمىيەت ئاساسى ئەڭ چوڭقۇر جاي، شۇنداقلا تەبىئىي ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ خاسلىققا ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ بىرى. «شۇڭا، قەشقەردە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىش شىنجاڭنىڭ ئوبرازى ۋە مول مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش ھېسابلىنىدۇ.» لى مېيلەن مۇنداق دېدى: قەشقەر ئەڭ بالدۇر بېكىتىلگەن شۆبە مەيدان.

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۇ جايغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ ساياھەتچىلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ئويلىشىپ كەلدى. «بىز خىيالىي تۈسكە تولغان ئىمارەتلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىر قىسىم سەھنە قۇرۇلمىسىنى شۇ جايدا قالدۇرۇشنى تاللىدۇق، بۇمۇ ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.» لى مېيلەن مۇنداق دېدى: بۇ جاينىڭ چوقۇم قەشقەرنىڭ يېڭى نام كارتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

«قەشقەر شۆبە مەيدانى كۆلىمى زور، خاسلىقى روشەن، ئىجادىيىتى ئۆزگىچە، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى مول، جىپسىلىشىشى زىچ بولغان ئويۇن ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۆزگىچە شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە <مەدەنىيەت ھارپا كېچىسى تامىقى> تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى.» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەت ئوق لىنىيەسىدە تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى ئىگىلەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئوزۇقى ۋە دەۋر جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە مىللەت غۇرۇرى، ئىشەنچى ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چوڭ پىكىر يولى، زور تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا دائىر ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگو سالاپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەدەنىيەت تومۇرىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ساداسىغا چىن ھېسسىيات بىلەن قۇلاق سېلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدىكى مول نەتىجىلەرنى جانلىق مەدھىيەلەشتۇر.

قەشقەر شەھىرى كوچىلىرىدا، يول بويىدىكى دەرەخزارلىقتا، شامالدا لەپىلدەپ تۇرغان تاڭ شېئىرلىرى يېزىلغان چىراغ تاختىلىرى، چوڭ قىزىل پانۇسلار ھەرقايسى جايلاردىن كېلىشىۋالغاندەكلا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. بىر مەيدان كېچىلىك بىر شەھەرنى قىزىتىۋەتتى. قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى بولۇشنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى.

«مەن بۇ شەھەرنى بارغانسېرى ياقتۇرۇپ قالدىم» دېدى قەشقەر شەھىرىدە 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن قەشقەر ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ شياۋفېڭ. ئۇنىڭ ھازىرقى ئۈمىدى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىدىن ئىبارەت.

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى جانلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى جانلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى. تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي نامايان بولىدۇ، مەسىلەن، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ئويۇنلىرىدا «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش»، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇرۇپ» جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار. قىسقىسى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ كۆلىمى، ئەمەلىي كۈچى، سەۋىيەسىدە يېڭى يۈكسىلىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

«باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ بىر چوڭ ئىشى، خۇشاللىق ئىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار بۇ مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك چاقىرىق كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن.

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى ئاساسىي مېلودىيەسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.