تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى باھار بايرىمى ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن ھال سوراشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پېشقەدەم يولداشلار ۋە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ۋاپات بولغان پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۇلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى ھەم ئۇلارنى بۇ يىللىق ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. پېشقەدەم يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەۋزەللىكى، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ۋە تىيانشان رايونىغا كېلىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەم قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلارنى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال - خۇرام، ئىناق، بەختلىك باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باتۇ قاتارلىقلار يوقلاش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.