تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى باھار بايرىمى ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

زۇمرەت ئوبۇل ھال سوراشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئاۋانگارت - نەمۇنىچىلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى ھەم ئۇلارنى بۇ يىللىق ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى. پېشقەدەم يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئىمىنجان تۇراقنىڭ ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭدىن بايراملىق ئەھۋال سورىدى، ئۇنى ئاۋانگارت - نەمۇنىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇلارغا سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشنى تەكىتلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر يوقلاش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.