تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى باھار بايرىمى ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئەركىن تۇنىياز ھال سوراشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پېشقەدەم يولداشلار، قەھرىمان - نەمۇنىچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، نەپىقە ئوبيېكتلىرى، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

بارغان ھەر بىر جايدا، ئەركىن تۇنىياز پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، بەختلىك، ساغلام بولۇشىنى تىلىدى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم پېشقەدەم يولداشلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. پېشقەدەم يولداشلار تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ۋە بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جەزمەن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەم شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، داۋاملىق نۇر ۋە ھارارەت تارقىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۆيىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلارنى ئىلغارلىق خىسلىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىغاندا ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەربىيلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان، قەھرىمانلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى تاپىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يەنە تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىغاندا، ئۇلارنىڭ مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، نۆۋەتچىلىك قىلىش - ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەلەپ بويىچە يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى تۇتۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ھال سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار رايىشلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، نەپىقە ئوبيېكتلىرى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قاتارلىق كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ماددىي ئەشيا زاپىسىنى يۆتكەش - تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خۇشال - خۇرام، ئىناق بەختلىك باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن قاتارلىقلار يوقلاش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.