2-ئاينىڭ 1-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى نەنپىڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى، شىمالىي فۇجيەن گېزىتخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ھەم شىمالىي فۇجيەن گېزىتى 8-نۆۋەتلىك باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى نەنپىڭ شەھىرى يۈنگۇ سودا پىيادىلەر كوچىسىدا باشلاندى. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەنپىڭ تارماق قوماندانلىق ئىشتابى نەنپىڭ تەمىنات-سودا شەھەرچىسى بىلەن بىرلىشىپ، مورىنىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا نامايان قىلىشقا تەشكىللىدى، نەنپىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يۇرتىغا قايتىپ «مال ساتقۇچى» بولدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ سۇڭجيې)
باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى نەق مەيدانىدا، نەنپىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شەھەر ئاھالىلىرىگە مورىنىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاسلىقىنى تونۇشتۇرماقتا.
نەنپىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى مورىنىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى