تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى ئارتىسلار ھەم خىزمەتچى خادىملار قەلبنى ئىللىتىدىغان سوۋغات تاپشۇرۇۋالدى

شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى بارلىق ئارتىسلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان سوۋغات − ئىزناك، شارپا، دوپپا قاتارلىق ئەجدىھا يىلىدا بەخت ـ سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان بىر يۈرۈش خاتىرە بۇيۇمنى تاپشۇرۇۋالدى.

بۇ بىر يۈرۈش خاتىرە بۇيۇمنى لايىھەلىگەندە، ئاساسلىق كۆرۈنمە بەلگە قىلىنغان «ئۇچقۇر ئەجدىھا» رەسىمى مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى بولۇپ، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئەۋلادلارنىڭ ئامان ـ ئېسەنلىكىنى ساقلاش» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخابتىن ئىبارەت شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ رەسىمى تەگلىك كۆرۈنمە بەلگىسى قىلىنغان.

شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى مەركىزىنىڭ رېژىسسورى جاڭ چيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب كۆك، يېشىل، قىزىل، سېرىق، ئاقتىن ئىبارەت بەش خىل رەڭدىكى يىپتىن يۇلتۇز، بۇلۇت ھەم قۇتلۇق قۇش، خاسىيەتلىك ھايۋاننىڭ نۇسخىسى چىقىرىلىپ توقۇلغان، ئاستى ـ ئۈستىدىكى ھەر ئىككى گۇرۇپپا گۈل نۇسخىسى ئارىسىغا «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن لىشۇ نۇسخىسىدىكى خەت كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بەخت ـ سائادەت تولۇق نامايان قىلىنىپ، قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئېتىقادى يورۇتۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدەك جانلىق تارىخىي پاكىتقا گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى روشەن ئىپادىلىگەن. «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئەۋلادلارنىڭ ئامان ـ ئېسەنلىكىنى ساقلاش» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخابتا ئۆزگىرىشچان بۇلۇت نۇسخىسى ۋە كۆركەم كورنۇس نۇسخىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يولۋاس، ئەجدىھا، بوبرا كېيىك، يامانلىقتىن ساقلىغۇچى قاتارلىق ھايۋانلار كىرىشتۈرۈلگەن ھەم «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئەۋلادلارنىڭ ئامان ـ ئېسەنلىكىنى ساقلاش» دېگەن بەخت ـ سائادەت سۆزى كەشتىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىناق، ئۆم، بەختلىك، تىنچ ـ خاتىرجەم ئۆتۈشتەك گۈزەل تىلەكلىرى نامايان قىلىنغان.

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى شىنجاڭ تەرەپ باش رېژىسسورى زېڭ جيەن مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتا مۇنەۋۋەر نومۇرلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغاندىن باشقا، يەنە باھار بايرىمى تۈسى قويۇق بولغان، نەپىس لايىھەلەنگەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى خاتىرە بۇيۇملىرىمۇ بار. مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«ھەيران قالدىم، تەسىرلەندىم!» شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئارتىسلار يېتەكچىسى تېڭ يىڭ مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ ھەر كۈنلۈك رېپېتىتسىيەسى ناھايىتى جاپالىق، بۇ سوۋغات كۆپچىلىككە نىسبەتەن بىر خىل ئېتىراپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بولدى، «ھەربىر ئادەمنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەجرىنى ھەممە كۆرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقىدا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلارنىڭ يەر شارىدىكى خۇارېنلار ئالدىدا مۇكەممەل نامايان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«بۇ سوۋغات بەك قىممەتلىك، مەن ئۇنى بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقان چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر بىلەن قوشۇپ مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلايمەن» دېدى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارتىسلار ۋەكىلى بادمالا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.