تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «پويىز دوختۇرى» تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

پويىز ۋاگونى ئىچىدە «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» قىز لى چيۇيې سېرىق رەڭلىك بىخەتەرلىك قالپىقى، كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمىنى كىيىپ، بەزىدە ئېڭىشىپ، بەزىدە ئۆرە تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن پويىزدىكى توك يوللىرىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. «مەن پويىزنىڭ <ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى>، چارلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا توك يوللىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى بايقايمەن، ھۆكۈم قىلىمەن ھەم ۋاقتىدا <ئوپېراتسىيە قىلىپ> ئوڭشاپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پويىزنىڭ نورمال يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن» دېدى ئۇ.

بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن لى چيۇيې جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پويىز ئۇچاستىكىسىنىڭ پويىز توكچىسى، ئۇ ئادەتتە ئاساسلىقى پويىزنىڭ توك تەقسىملەش ئىشكاپىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، پويىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى پويىز ئۇچاستىكىسىنىڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سېخىغا كىرگىنىمدە، قاتار ـ قاتار پويىزلارنىڭ يانمۇيان توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم، خىزمەتچى خادىملار زاپچاسلارنى چەككەندە چىققان «تاڭ ـ تۇڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ھاۋانى سۇس «مېتال پۇرىقى» قاپلىغانىدى. ۋاگون ئىچىدە لى چيۇيې تار توك تەقسىملەش ئىشكاپى ئالدىدا ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ھەربىر تال توك سىمىنىڭ ھالىتىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

توك تەقسىملەش ئىشكاپى پويىزنىڭ يۈرۈشىنى كونترول قىلىدىغان «يۈرەك»، ئۇ 100دىن ئارتۇق سەپلىمە سىم، نەچچە ئون زاپچاستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر قېتىم ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئۈچۈن بەش ـ ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. توك تەقسىملەش ئىشكاپىدىكى ھەربىر تال توك سىمىدىن پۈتۈن پويىزنىڭ توك سانلىق مەلۇماتىغىچە، لى چيۇيې ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەيدۇ.

«110 ۋولتلۇق سىمدىن توك قېچىپتۇ!» دائىملىق تەكشۈرۈشتە، بىر پويىزنىڭ يورۇتۇش لىنىيەسىنىڭ ئىزولياتورلۇق سانلىق مەلۇماتى لى چيۇيېنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، بىر تەرەپتىن قولىغا ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ توك ئېقىمىنى ئۆلچەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى قايتىدىن تولدۇردى.

«نېمە ئۈچۈن توك قاچىدۇ، قەيەردىن چاتاق چىققاندۇ؟» لى چيۇيې مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تاپالماي، ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ قايتا ـ قايتا ئۆلچىدى، بىر سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قەيەردىن كاشىلا چىققانلىقىنى تاپالمىدى. ئۇ دەرھال شوتىغا چىقىپ ـ چۈشۈپ، بارلىق چىراغلارنى قايتىدىن چۇۋۇپ، بىر تەرەپتىن توك يولى ئىسخېمىسىنى سېلىشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن 20 نەچچە توك توغرىلىغۇچ، 40 نەچچە چىراغ تاختىسى، 200 نەچچە توك سىمىنى قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈپ، كاشىلا چىققان توك توغرىلىغۇچنى ئاخىرى تاپتى.

«بۇنداق كاشىلىنى مەن ئىلگىرى ئۇچرىتىپ باقمىغان، بۈگۈن مەن بۇ جەرياننى ئۆزۈمنىڭ كاشىلا <قامۇس>ىغا خاتىرىلەپ قويدۇم، ئەمدى مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلسە، بىمالال ھەل قىلالايمەن.» خىزمەت تەسىراتى ئۈستىدە توختالغاندا، لى چيۇيې توختىماي سۆزلەپ كەتتى: «<كۆرۈش، سىلاش، پۇراش، سېلىشتۇرۇش، ئۆلچەش> مېنىڭ بەش خەتلىك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئۇسۇلۇم، ئۇلارغا تايانغاندىلا خاتالىق سادىر قىلمايمەن».

بىر قول چىراغ، بىر سىم قىسىدىغان ئامبۇر، بىر ئۇنىۋېرسال ئۆلچىگۈچ ... ئۇ، بۇ سايمانلارنى ئېلىپ، ئوخشاش ھەرىكەتنى توختىماي تەكرارلايتتى، لى چيۇيې تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سېخىغا كىرسىلا بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالاتتى. قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ ھەمىشە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن يۈزلىنەتتى. ئۇ دەل مۇشۇنداق غەيرىتى بىلەن، نەچچە مىڭ پويىزنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، مىڭغا يېقىن كاشىلىنى بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، كاشىلىسى بار پويىزدىن بىرىنىمۇ قويۇۋەتمىدى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پويىزلارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېزلەشتى، لى چيۇيېنىڭ خىزمىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمۇ قىسقىراپ كەتتى. ئۇ بىردەم ئېڭىشىپ، بىردەم ئورنىدىن تۇرۇپ، بىردەم ئېگىزگە يامىشىپ، بىر دەم پەسكە چۈشۈپ، بىر پويىزنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ بولغۇچە بەل ـ پۇتلىرىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلاتتى. «خىزمىتىم ھەقىقەتەن جاپالىق، لېكىن مەن تەكشۈرگەن پويىزلارنىڭ باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىنى كۆرسەم ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى لى چيۇيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.