تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئۆستەڭبويى كوچىسىدىكى 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىغا كىرگەندە، چايخانىنىڭ ئىچى خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ناخشلىرىنى ئاڭلاپ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ، قەدىمىي شەھەردىكى خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.
100 يىللىق قەدىمىي چايخانا ھەر كۈنى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋالىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كىچىك چاي ئۈستىلى دەسلەپتە تىجارەت قىلغان ۋاقتتىكى ئالتىدىن ھازىرقى 14كە كۆپەيدى، يەنە بەش ئايرىمخانا تەسىس قىلىندى، ئۇستاملارنىڭ چاي دەملەش ماھارىتىمۇ ئۆستى، زەپەر، قىزىلگۈل، قاقىلە، ھەسەل قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللار قوشۇلغان دورىلىق چاي ۋە ھەر خىل تاتلىق تۈرۈملەر قوشۇلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قەدىمىي چايخانىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىپ چاي ئىچىپ، قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى چۈشىنىشىدىكى ياخشى جاي بولۇپ قالدى.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا، سازەندىلەر ساياھەتچىلەرگە ساز چېلىپ بەرمەكتە.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا، خىزمەتچى خادىم ساياھەتچىلەرگە چاي دەملەپ بەرمەكتە.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا چاي ئىچمەكتە.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا.
2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.