تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش، دېرىزىگە قىيىق گۈل چاپلاش، كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆرۈش، كوچا ئويۇنى ئويناش ... جۇڭگو بايرىمىدىن ھۇزۇرلىنىش

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە دېرىزىگە قىيىق گۈل چاپلىماقتا. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ساۋەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى سەنگۇڭديەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت كادىرلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى تەشكىللەپ، «باھار بايرىمىنى شادلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىش كاتتا بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش» تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، جۇۋاۋا تۈگۈپ، جەم بولۇش تامىقى يەپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇلىرىنى ھەمبەھرلەپ، باھار بايرىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

لەن لىڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، سانجى شەھىرى نىڭدۇڭ سېھىرلىك كۇبىك ئىشخانىسىدا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1200 سېھىرلىك كۇبىك بىلەن ئەجدىھا شەكىللىك نەقىش ۋە «龙年大吉» دېگەن خەتلەرنى قۇراشتۇرۇپ، كاتتا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

ليۇ خۇا فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى خېجىڭ ناھىيەسى جيامەنفۇ تاللا بازىرىدا كۆكتات سېتىۋالماقتا. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ ناھىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار سېھىرگەرلىك ئويۇنى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلققە بىر مەيدان ئېسىل ئۈن-سىن كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتى.

ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار ئۇسسۇل نومۇرى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلققە بىر مەيدان ئېسىل ئۈن-سىن كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتى ياراتتى.

ۋېي خاۋدۇڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار شىر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوچا ئويۇنى ئويناش ۋە 2024-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كوچا ئويۇنى پائالىيىتى بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرىدە باشلاندى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، 100دىن ئارتۇق كوچا ئويۇنى ئۆمىكى بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەر، تۇەن-مەيدان ۋە ليەندۈيلىرىدە نەچچە يۈز مەيدان كوچا ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشتەك خۇشال كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئۆزگىچە، روشەن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى «كاتتا زىياپىتى»دىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

زو يىڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار كوچا ئويۇنى ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرىگۈزۈش» بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوچا ئويۇنى ئويناش ۋە 2024-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كوچا ئويۇنى پائالىيىتى بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرىدە باشلاندى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، 100دىن ئارتۇق كوچا ئويۇنى ئۆمىكى بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەر، تۇەن-مەيدان ۋە ليەندۈيلىرىدە نەچچە يۈز مەيدان كوچا ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشتەك خۇشال كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئۆزگىچە، روشەن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى «كاتتا زىياپىتى»دىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

زو يىڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار  ھەيۋەت بىلەن داقا-دۇمباق چالماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوچا ئويۇنى ئويناش ۋە 2024-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كوچا ئويۇنى پائالىيىتى  بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرىدە باشلاندى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، 100دىن ئارتۇق كوچا ئويۇنى ئۆمىكى بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەر، تۇەن-مەيدان ۋە ليەندۈيلىرىدە نەچچە يۈز مەيدان كوچا ئويۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشتەك خۇشال كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ، ئۆزگىچە، روشەن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى «كاتتا زىياپىتى»دىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

زو يىڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە چۇنليەن چاپلىماقتا. ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە دەرۋازىسىغا چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

ليۇ شىخې فوتوسى

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كەشتە تىكىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى دولاتې كەنتى «باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاردىكى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە كەسكىن تىركەشمەكتە. شۇ كۈنى، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى دولاتې كەنتى «باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.