تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاپشۇرۇۋالغايسىز! ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى

   2024 - يىللىق باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئەجدىھا يىلى يېتىپ كېلىپ، ھەممە ئائىلە جەم بولۇپ، بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. باھار بايرىمى مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈشى، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى:

   ئىلمىي، ئاقىلانە ھالدا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش

   ئىستېمالچىلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىشى، گۇۋاھنامىسى تولۇق، ئىناۋىتى يۇقىرى سودىگەرلەر ۋە تور سۇپىسىنى تاللىشى كېرەك؛ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا پائالىيەت قائىدىسى، ئىشلىتىش مۇددىتى، ئىشلىتىش دائىرىسى، چەكلەش شەرتى، مال قايتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قارىغۇلارچە پايدا قوغلىشىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، يېمەكلىكنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ماتېرىيال تەركىبى قاتارلىق بەلگىلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك؛ سوۋغات سېتىۋالغاندا يېشىل ئىستېمالنى تەشەببۇس قىلىپ، زىيادە ئوراپ قاچىلاشنى رەت قىلىش كېرەك.

   باھا ئۇقتۇرۇشىنى ئېنىق كۆرۈش

   بايرامدا ساياھەت قىلغاندا، مال سېتىۋالغاندا، تاماق يېگەندە، سەپەرگە چىققاندا باھانى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، باھانى ئېنىق يازىدىغان قېلىپلاشقان تىجارەت سورۇنلىرىنى تاللاش، باھا ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، باھا ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇش، ئېنىق ئىستېمال قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىدا باھا بەلگىسىگە قاراش، ئامال بار نەق مەيداندا مال سېتىۋېلىش تالونىنى سېلىشتۇرۇش؛ ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ھەق تاپشۇرغاندا بەلگە تاختىسىغا قاراش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېنىق كۆرۈش، كىرىش ـ چىقىش ۋاقتىنى ياخشى بېكىتىش؛ سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە قورۇما تىزىملىكىگە قاراپ، تاماق تىزىملىكىنى كۆرۈپ (مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) باھاسىنى تەكشۈرۈش، پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن راسچوت تالونىنى تەكشۈرۈش، راسچوت باھاسى بىلەن تاماق بۇيرۇتۇش باھاسىنىڭ بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى سېلىشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش؛ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئىشىك بېلىتىگە قاراپ، باھانى ئېنىق يېزىپ قويغان ـ قويمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

   يېيىش - ئىچىش، غىزالىنىشتا مەدەنىي بولۇش

   كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمكانقەدەر پاكىز، كىنىشكىلىرى تولۇق بولغان يېمەك - ئىچمەك سورۇنلىرىدا غىزالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سوغۇق سەي، سوغۇق يېمەكلىك قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ۋە باشقا ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. كەڭ ئىستېمالچىلار بەسلىشىپ ئىستېمال قىلىشنى توسۇپ، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىستېمال ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، ھەر بىر ۋاخ تاماقنى قەدىرلەپ، ھەر بىر تال ئاشلىقنى تېجەپ، «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق» ھەرىكىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «يېمەك ـ ئىچمەك ئىسراپچىلىقى»نى ئاڭلىق توسۇپ، ساغلام، مەدەنىي يېمەك ـ ئىچمەك يېڭى كەيپىياتىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

   پوجاڭزا -  ساليۇت ئاتقاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش

   پوجاڭزا - ساليۇت ئاتقاندا، ئازادە، بىخەتەر مەيداننى تاللاپ ئېتىڭ، بۇ جەريانىدا ئوت ئۆچۈپ قېلىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال يېقىنلاشماڭ، يېتەرلىك ۋاقىت ساقلاپ سەۋەبىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر تەرەپ قىلىڭ. ساليوتنىڭ ئېغىزىنى باشقىلارنىڭ دېرىزىسىگە توغرىلاپ ياكى بىنانىڭ دېرىزىسى، بالكونى، سۇپىسىغا قارىتىپ ئاتماڭ. بالىلىرىڭىزغا ياخشى قاراڭ، پوجاڭزىنى گەندە كۆلچىكى، سۇ چىقىرىش قۇدۇقى، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان سورۇنلاردا ئېتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

   ھارپا كېچىلىك تاماق زاكاز قىلغاندا ھوقۇق - مەنپەئەتكە زىيان يېتىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش

   باھار بايرىمى ئالدىدىكى ھارپا كېچىلىك تاماق ئىزچىل باھار بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەت، ھازىر نۇرغۇن ئىستىمالچىلار مېھمانسارايلارغا بېرىپ ھارپا كېچىلىك تاماق يېيىشنى تاللايدىغان بولدى. تاماق زاكاز قىلىش جەريانىدا، بەزى سودىگەرلەر ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، «مۇشتۇمزور بىتىم»، مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارمۇ مەۋجۇت. ئىستېمالچىلار مېھمانساراينىڭ ھارپا كېچىلىك تامىقىنى زاكاز قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپكە دىققەت قىلىشى كېرەك:

   (1) زاكالەت پۇلى بىلەن ئالدىن بەرگەن پۇلنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئىستېمال قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   (2) ھارپا كېچىلىك تاماق ئادەتتە مۇقىم يۈرۈشلۈك تاماق بولۇپ، تاماق تاللىغاندا، رەڭگارەڭ تاماق ناملىرىدىن قايمۇقۇپ قالماسلىق، ئامال بار ھەر بىر  تاماقنىڭ نامى، مەزمۇنى، ئۆلچىمى ۋە باھاسىنى ئېنىق سوراش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كونكرېت ھەق ئېلىش تۈرىنى ئېنىق سوراش، ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال، ئايرىمخانا ھەققى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش كېرەك.

   ئالدىن تۆلەش ئىستېمالىغا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىش

   باھار بايرىمى مەزگىلى يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش، كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كىر يۇيۇش، ئاپتوموبىل يۇيۇش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمالچىلار ئالدىن تۆلەش كارتىسى بېجىرىشتىن بۇرۇن، مال ساتقۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە تەۋسىيەلىرىگە قارىغۇلارچە بويسۇنماسلىقى، ھەر قېتىملىق قىممەت تولۇقلاش سوممىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، ئالدىن تۆلەش سوممىسى بەك يۇقىرى، دەۋرىيلىكى بەك ئۇزۇن بولغان ئىستېمالنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى كېرەك. بېجىرىشنى بېكىتكەندە، سودىگەر بىلەن مۇلازىمەت توختامى ئىمزالاشقا دىققەت قىلىش، ھۆججەت ياكى تالوننى ياخشى ساقلاش كېرەك.

   يەپ - ئىچىش ۋە ھەرىكەت تەڭپۇڭ بولۇش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش

   ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ، ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى كېرەك، بەدەن ئېغىرلىقى بەك تۆۋەن ياكى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، كېسەللىك يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. باھار بايرىمى مەزگىلىدە چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش قاتارلىقلار، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   باھار بايرىمىدا ساياھەتكە چىققاندا بالدۇر پىلانلاش، سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش

   باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش پىلانى بار ئىستېمالچىلار مەيلى ساياھەتكە چىقسۇن ياكى يۇرتىغا قايتىپ جەم بولسۇن، قاتناش، مەنزىرە نۇقتىسى، ياتاق قاتارلىقلارنى ئالدىن زاكاز قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قاتناش پىلانىنى ياخشى تۈزۈشى كېرەك. ئۆمەك بىلەن ساياھەتكە چىقىشنى تاللىغان ئىستېمالچىلار باھا توزىقىغا دىققەت قىلىشى، ھە دېگەندىلا تۆۋەن باھانىلا قوغلاشماسلىقى، مۇنتىزىم تىجارەت قىلىدىغان، رەسمىيەتلىرى تولۇق، نامى ياخشى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللىشى، «تۆۋەن باھالىق ساياھەت» مەھسۇلاتلىرىنى قارىغۇلارچە تاللىماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازما توختام تۈزۈپ، مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ئىستېمالچىلار ساياھەت لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلىشى، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش-ئاشراش ئېلىپ بېرىشى، لىنىيە ئەھۋالى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى ئالدىن ئىگىلىشى، بېسىق مەزگىلگە تاقاشتۇرماي سەپەرگە چىقىشى، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكى كېرەك.

   سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

   باھار بايرىمى دەل ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى تىجارەتچىلەرنىڭ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئىستېمال ماجىرالىرىنى پائال ھەل قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا ئازادە، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنى ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، ئىستېمال قىلىشنى خالاش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمالدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىش كېرەك.

   ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ئاقىلانە قوغداش، دەلىل - ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش

   ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئىستېمال قىلغاندا، مال سېتىۋېلىش تالونى، پۇل تۆلەش خاتىرىسى، تەشۋىقات ماتېرىيالى، سودىگەرلەرنىڭ ۋەدىسى قاتارلىق ئۈنۈملۈك دەلىل ـ ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ناۋادا ئىستېمال ماجىراسى كۆرۈلگەندە ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەرلىك دەلىل ـ ئىسپات بولىدۇ. ئىستېمال ماجىراسى يۈز بېرىپ قالسا، ئالدى بىلەن سودىگەرلەر بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك، ئەگەر كېلىشەلمىسە شۇ جايدىكى ئىستېمالچىلار تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.