تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

چىۋەر قوللار بىلەن گۈل چىقىرىلغان مومىلار

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ يىتىڭ گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرماقتا.

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ يىتىڭ شىرباش مومىغا كىرپىك «ئۇلىماقتا».

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، جاڭ يىتىڭ گۈل چىقىرىلغان مومىنىڭ ئۈستىگە خەت چاپلىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى

   2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭپېڭ يولىدىكى بىر گۈل چىقىرىلغان موما دۇكىنىدا، رەڭگارەڭ گۈل چىقىرىلغان مومىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «90ـ يىللاردا تۇغۇلغان» گۈل چىقىرىلغان موما دۇكىنىنىڭ دۇكام ئىگىسى جاڭ يىتىڭنىڭ گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇۋاتاتتى، ئۇ يۇغۇرۇش، بېسىش، كېسىش، ئېشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قولىدىكى يۇمشاق خېمىرنى خۇددى راستقىلا ئوخشايدىغان «ئالتۇن ئەجدىھا»غا ئايلاندۇردى. 

   جاڭ يىتىڭ بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىرنەچچە قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ مەغلۇپ بولغان. ئۇ كىچىكىدىنلا گۈزەل سەنئەتنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىنچ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان كەسىپكە قىزىقاتتى، بۇلتۇر ئۇ مەخسۇس شەندۇڭغا بېرىپ ئۇستاز تۇتۇپ گۈل چىقىرىلغان موما پىشۇرۇشنى ئۆگەندى. ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بۇ گۈل چىقىرىلغان موما دۇكىنى ئېچىپ، شىرباش، ئۆمۈر تىلەش شاپتۇلى قاتارلىق بىر قاتار ئىجادىي گۈل چىقىرىلغان مومىلارنى بازارغا سېلىپ، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   «باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، گۈل چىقىرىلغان موما زاكاز قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ھەر كۈنى ئۈچ سائەتلا ئۇخلاپمۇ يېتىشەلمەي قالدۇق، زاكازلار باھار بايرىمىنىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىلىپ بولدى» دېدى جاڭ يىتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.